تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، چېگرا لىنىيەسىدە يالغۇز «پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسىتىش»لا بولمىدى

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن

«پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن» شىنجاڭلىق چارۋىچى تاغا

پۈتۈن توردا ئالقىشلاندى

تورداشلار بەس-بەستە بۇنى ئېتىقادنىڭ كۈچى، دەپ ماختىدى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى

ئابدۇجاپپار مېڭدى

ئىلگىرى بىر چېگرا قوغدىغۇچى ئىدى

بۇلتۇر سالامەتلىكى سەۋەبىدىن چېكىندى

ئۇ پېتىپ قالغان ئاپتوموبىلنى ئىتتىرىپ چىقىرىپ باشقىلارغا ياردەم بەرگەن جاي ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مۇجى يېزىسى بولۇپ

تىپىك چېگرا يېزىسى 

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا لىنىيەسىدە

يەنە ئابدۇجاپپار مېڭدىغا ئوخشاش نۇرغۇن

ياكى قەيسەر، ياكى سۆيۈملۈك چىرايلار بار

ئۇلار يېڭى يىلدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن

2022-يىللىق يېڭى مۇساپىنى يورۇتتى

ئۇلار بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېگىزلىكتە جەۋلان قىلدۇردى

قاراقۇرۇم تېغىدا تۇرۇشلۇق مەشىق ئورنى

1-ئاينىڭ 1-كۈنى

يېڭى يىلنىڭ تۇنجى قۇياش نۇرىدا

دېڭىز يۈزىدىن 4300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قاراقۇرۇم تېغىدا تۇرۇپ مەشىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايون مەلۇم بىرىكمە تۇەنى 

يېڭى يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

تۇرۇشلۇق جايدا بايراق خادىسى بولمىغان شارائىتتا

جەڭچىلەر كىران بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقاردى

ئۇلارنىڭ كەينىدە ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغلار بولۇپ

ئۇلار يېڭى يىلنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ تۇرۇپ

ھەربىيچە سالام بېرىپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.

تورداشلار مۇنداق دېدى: بۇ ئەڭ ھەيۋەتلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمى بولدى

 ئۇلار ئۈچ ئەۋلاد كىشى ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغدىدى

قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تىزناپ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ئارانباۋتەي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى

1-ئاينىڭ 2-كۈنى

«دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ دادىسى

بايەكە كەلدىبېك بوۋاي

چېگرا ساقچىلىرى، چېگرا قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقاردى

ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ساقچىلىرى بىلەن بىللە چېگرا چارلاش يولىغا ئاتلاندى

ھەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكى

بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ

ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغداشتەك كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش ئىزلىرىغا گۇۋاھ بولدى

تورداشلار مۇنداق دېدى: پامىر بۈركۈتىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز

 ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا لىنىيەسىدە چارلاپ كەلدى

  پامىر ئېگىزلىكى چېگرا لىنىيەسىنىڭ جۇڭگوغا تەۋە تەرىپىدە

قاتتىق شامال ھۇشقىيتىپ چىقىۋاتاتتى

قار تىزدىن ئاشاتتى

2022-يىلنىڭ تۇنجى كۈنى

چېگرا لىنىيەسىدە

بىر توپ چېگرا قوغدىغۇچى

بىر-بىرىنى يۆلىشىپ

جاپالىق ئىلگىرىلەپ

قەدەملىرى بىلەن ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ئۆلچەۋاتاتتى

تورداشلار مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تىنچلىقىمىز، خاتىرجەملىكىمىز نەدىن كەلگەن؟

پەقەت باشقىلار بىز ئۈچۈن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

ئۇ قارلىق تاغ چوققىسىدىكى «ئەڭ يورۇق يۇلتۇز»

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى چېگرا بىرىنچى سېپى

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4100 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكتە

نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇقتا

ئېگىزلىكتىكى ئايال ساقچى ئاتلىق چارلىماقتا

ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك

ھاۋا سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل

ھاۋا كىلىماتى ناچار بولغان ناچار تەبىئىي مۇھىتمۇ

ئۇ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى

تورداشلار مۇنداق دېدى: مانا بۇ قارلىق تاغ چوققىسىدىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇز

ئۇلار « يۇرتنى، ۋەتەننى قوغداش» شوئارىنى تېخىمۇ ياڭراتتى

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسى

چېگرا قوغدىغۇچىلار تاش پارچىلىرىنى 

قوللىرىدا كۆتۈرۈپ، مۈرىسىگە ئېلىپ بىر ئاي توشۇپ

187 مېتىر كېلىدىغان پارتىيە گېربى ياساپ ۋەتەنگە تەقدىم قىلدى

ئۇلار دۆلەت بايرىقى ئاستىدا قەسەم بەردى:

چېگرانى قوغداشتا مەن بار، ۋەتىنىم، خاتىرجەم بولغىن

تورداشلار مۇنداق دېدى: ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!

يىلمۇيىل

ئەۋلادمۇ ئەۋلاد

جاۋابقا ئېرىشىش بىلەن ھېسابلاشماي

ياشلىق باھارى ۋە ھاياتى بىلەن يۇرت-ماكاننى قوغدىماقتا

چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئېگىزلىكتىكى خەلق ساقچىلىرى، چېگرا قوغدىغۇچىلار...

ھەرىكىتى ئارقىلىق

ۋەتەننى قوغدايدىغان پولات سەددىچىن سېپىلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى

تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى

ئاددىيلىق ئىچىدىكى قالتىسلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى

بۇ دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى

شەرھلەپ بەردى

  ماقالە\سۈرەت\سىن  ئۇنىۋېرسال مەنبە: ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى، شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.