تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

خېجىڭ ناھىيەسى نەمىنمودۇن بازىرى: ياش يىگىت يۇرتىغا قايتىپ كالا باقتى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر جيا لىلى

    يېقىندا، ما چاڭلۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ، تېخىمۇ روھلىنىپ كەتتى. «شەھەردە ئىشلەۋاتقان ئوغلۇم قايتىپ كېلىپ مەن بىلەن بىللە كالا بېقىشقا ئاخىر ماقۇل بولدى» دېدى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى كالا قوتىنىنى تازىلاۋاتقان ما چاڭلۇ خۇشال ھالدا.

    ما چاڭلۇ خېجىڭ ناھىيەسى نەمىنمودۇن بازىرى بوربۇخ كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ئۇ بۇ كەنتتىكى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنەك بېقىپ، موزاي ئاۋۇتۇپ بېيىغان باشلامچىلارنىڭ بىرى.

    2018-يىلى، نەمىنمودۇن بازىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، «بىر ئادەمنىڭ بىر كالىسى بولۇش»تەك دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نوقۇل يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىدىن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشكە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولدى. شۇ چاغدا ما چاڭلۇنىڭ قوتىنىدا ئاران ئۈچ ئىنەك بار ئىدى، نەچچە يىل راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، ھازىر ئۇنىڭ 60 تۇياق كالىسى بار بولدى.

    ما چاڭلۇ بىر تەرەپتىن يەر تېرىپ، بىر تەرەپتىن كالا باقاتتى، دەسلەپتە ئۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوقتەك ھېس قىلدى. بۇنچە كۆپ كالىنى قانداق ئىلمىي باشقۇرۇش مەسىلە بولۇپ قالدى. مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، يەنە باقمىچىلىق ئەمەلىي تېخنىكىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ما چاڭلۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى.

    يېقىندا، سىرتتا ئىشلەۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان ئوغلى ما شېڭجۈن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كۆرۈپ بېقىشقا ئاخىر ماقۇل بولدى. ما چاڭلۇ ئوغلىغا مۇنداق بىر ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ بەردى: ئائىلىمىزدە 60 تۇياق كالا بار، يەنە نەچچە 10 مو يەر بار، بىر يىللىق كىرىمىمىز سېنىڭ سىرتتا ئىشلەپ تاپقان كىرىمىڭنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ...

    ھېسابات چۈشىنىشلىك بولدى، ئوغلىنىڭمۇ كاللىسىدىن ئۆتۈپ، قېپقېلىپ دادىسى بىلەن بىللە كالا بېقىپ، يەر تېرىشقا قوشۇلدى. بۇ ما چاڭلۇنى مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئەڭ خۇشال قىلغان ئىش بولدى. 
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەمىنمودۇن بازىرى كەنت ئاھالىلىرىنى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، سىمېنتال كالىسى، مەكىت قويى، دۇپېر قويى قاتارلىق ئەلا سورتلارنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى، قوتاندىكى كالا سانى 2018-يىلىدىكى 3700 نەچچە تۇياقتىن ھازىرقى 11 مىڭ تۇياقتىن ئاشتى، قوتاندىكى بېقىلىۋاتقان قوي 2018-يىلىدىكى 30 نەچچە مىڭ تۇياقتىن ھازىرقى 86 مىڭ تۇياقتىن ئاشتى، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقىدا «قوش چاقلىق قوزغىتىش» كەسىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

    «بازىرىمىزدا ما چاڭلۇغا ئوخشاش كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 30 تۇياقتىن ئارتۇق كالىسى بار ئائىلە ئاز دېگەندە 50كە يېتىدۇ، بازار باھاسى بويىچە ھەر بىر تۇياق كالىنى تەخمىنەن 40 مىڭ يۈەندىن ھېسابلىغاندا، تۆت يىلدىن بۇيان، بازاردا كالا بېقىشقا تايىنىپ 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال-مۈلكى بار ئائىلىدىن ئاز دېگەندە 50ى بارلىققا كەلدى» دېدى نەمىنمودۇن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ شۆچياڭ پەخىرلەنگەن ھالدا.

    «ئەينى چاغدا مېنىڭ قايتىپ كەلگۈم يوق ئىدى. مېنى كەنتتە قېلىپ تەرەققىي قىلىش قارارىغا كەلتۈرگەن ئاساسلىق سەۋەب يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولدى.» كالىغا يەم-خەشەك بېرىۋاتقان ما شېڭجۈن مۇنداق دېدى: سىرتتا كۆپ يىل ئىشلەپ، مول جەمئىيەت تەجرىبىسى توپلىدىم، يەنە بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولدۇم، يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشەلەيمەن.

    ما شېڭجۈن مۇخبىرلارنى باشلاپ ئۆزىنىڭ كالا قوتىنىنى كۆرسەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ پارنىكنى چۇۋۇۋېتىپ، يېڭىدىن يەم-خەشەك ئامبىرى سالىمىز، ئاۋۇ يەرگە يەنە يېڭى كالا قوتىنى سالىمىز...»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى