تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىش

− تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 ـ شى قۇرۇمقاش شەھىرى 47 ـ تۇەن 4 ـ ليەنى توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، ھەممە ئائىلە بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، تۇرمۇشىمىز كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 ـ شى قۇرۇمقاش شەھىرى 47 ـ تۇەن 4 ـ ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى مەمەتجان مەتنۇر مۇنداق دېدى: بۇ يىلغا نىسبەتەن ئىشەنچىم تولۇپ تاشىدۇ.

ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى «كۈچەيدى»، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر «تولۇقلاندى»، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى «گۈزەللەشتى»، ئاممىنىڭ كۈنلىرى «ياخشىلاندى»... بىڭتۇەن 14 ـ شى قۇرۇمقاش شەھىرى 47 ـ تۇەن 4 ـ ليەنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشىپ، ئىللىقلىققا تولغان ياخشى جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى.

بىڭتۇەن تۇەن ـ مەيدانلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھات چوڭ دولقۇنىدا 47 ـ تۇەن 4 ـ ليەن پارتىيە ياچېيكىسى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، پىكىر يولى ۋە سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى پائال يولغا قويۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئامما ئىنكاس قىلغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» ۋە «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» شەكلى ئارقىلىق بىر ـ بىرلەپ ھەل قىلدى.

2019 ـ يىلى، 47 ـ تۇەن 4 ـ ليەن پارتىيە ياچېيكىسى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئېچىش، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق، ئېتىبار باھادا ئۆي سېتىۋېلىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىلا 161 ئائىلىنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىدىكى پاكار، كونا كېسەك ئۆيلەردىن سۇ، توك، پار تولۇق بولغان بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈردى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.

«ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈكسەلمىسە، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئامما ئارىسىدا زىددىيەت كۆپىيىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قىيىنغا توختايدۇ» دېدى 47 ـ تۇەن 4 ـ ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ جىداۋيۈەنى شى شياۋجۈن.

ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئامما <زاكاز قىلىدىغان>، ليەندۈي <ئىككى كومىتېت>ى ۋە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتى <كىچىك زاكاز>لارنى قوبۇل قىلىدىغان، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى <چوڭ زاكاز>لارنى قوبۇل قىلىدىغان، يار ـ يۆلەك بولۇش سىياسىتى بىلەن تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغان» يېڭى يولنى تېپىپ چىقىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنى ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

«پەقەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئامما زاكاز قىلسىلا، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى <زاكازنى قوبۇل قىلىدۇ>.» شى شياۋجۈن مۇنداق دېدى: ليەندۈينىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش − 47 ـ تۇەن 4 ـ ليەن پارتىيە ياچېيكىسى قوبۇل قىلغان ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى تۇنجى زاكاز بولدى.

2018 ـ يىلى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 47 ـ تۇەن 4 ـ ليەن پارتىيە ياچېيكىسى مىكرۇبسىزلاندۇرۇلغان ياڭيۇ تېرىش تېخنىكىسى كىرگۈزۈشنى قارار قىلىپ، ئالتە ئىشچى ـ خىزمەتچىنى سىناق قىلىپ تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇرۇق، سولياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، مەمەتجان دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ليەندە ياڭيۇ تېرىلغان يەر 400 مودىن ئاشتى، ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈم، شاپتۇل قاتارلىقلارنى قوشقاندا، كەسىپ قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ئەلالاشتى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ كىرىمى ياخشى بولدى.

«2021 ـ يىلى <ياڭيۇ+ئېڭىزغا كۆكتات تېرىش> ئۇسۇلى ئارقىلىق ئون مو يەردىن 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، 18 مو چىلانلىق ۋە كۆممىقوناقتىن، بۇغداي كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان 25 مو ياڭاقلىقتىن 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدىم، بۇ يىل ياخشى ئىشلىسەم، كىرىمىم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى مەمەتجان تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن.

47 ـ تۇەن 4 ـ ليەندىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئەزەلدىن قوي، كالا بېقىش ئەنئەنىسى بولۇپ، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ھازىرقى باسقۇچتىكى باقمىچىلىق كۆلىمى كىچىك بولۇش، يەم ـ خەشەكنى زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولماسلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئارقىدا قېلىشتەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، بىڭتۇەننىڭ نۇقتىلىق تۈردىكى يۆلەش مەبلىغىنى پائال ئىلتىماس قىلدى، 2021 ـ يىلى 80 مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك باقمىچىلىق بازىسىنى يېڭىدىن سالدى، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەربىر ئائىلىنىڭ ھەر يىللىق كىرىمى 5000 يۈەن ئاشىدۇ.

ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپىنى پائال ئىگىلەپ، بېيىش يوللىرىنى ئامالنىڭ بارىچە كېڭەيتتى... بۈگۈنكى كۈندە، بىر قاتار ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر 47 ـ تۇەن 4 ـ ليەنىدە يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى − پارتىيە ـ ئامما مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتى تېخىمۇ ئېشىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم تېخىمۇ جىلۋىلەندى.

ليەندۈينىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالغاندا، شى شياۋجۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۆز ئەۋزەللىكىمىزگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستىراھەت، تائام، ساياھەت، خاس تېرىقچىلىق، خاس باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى تەدرىجىي راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنى خاس يېزا ئىگىلىك سەيلە ـ ساياھەت باغچىسى، دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىقلارنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.