تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق ئىككى ھەقسىز «ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچى» يىگىت كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا خەۋەر قىلىدۇ: بىر ئېغىز ۋەدە بىلەن شىنجاڭلىق يىگىتلەر مەنسۇر پەتتار ۋە مەمەت نۇردۇن ئۇزۇن يوللۇق «ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچى» شوپۇر بولۇپ، سەككىز كېچە، سەككىز كۈندۈزدە 4700 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، جياڭسۇ شۈجوۋلۇق شوپۇر جاۋ شۈلېينىڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەقسىز ھەيدەپ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. بۇ دوستلۇق تۈمەنلىگەن تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى، ئالىبابا «كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە»سى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، ياڭزى كەچلىك گېزىتى زىنيۇ خەۋەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ مەنسۇر پەتتار بىلەن مەمەت نۇردۇنغا «كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى» بويىچە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

بىر ئاي ئىلگىرى، 40 ياشلىق جياڭسۇلۇق چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى جاۋ شۈلېي كورلا شەھىرىدە پاختا توشۇۋاتقاندا، بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبىدىن سول كۆزى يارىلىنىپ، بېيجىڭغا بېرىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلدى، شىنجاڭلىق يىگىتلەر مەنسۇر پەتتار بىلەن مەمەت نۇردۇن جاۋ شۈلېيغا ھەقسىز ياردەملىشىپ يۈك ئاپتوموبىلىنى يۇرتى جياڭسۇ شۈجوۋغا ھەيدەپ ئاپىرىپ بەردى.

1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۆيىدە ئارام ئېلىپ كۈتۈنۈۋاتقان جاۋ شۈلېي ياخشى قېرىندىشىنىڭ «كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قېتىمدا، ماي ھەققى، يول ھەققىنى قوشقاندا ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل كېتەتتى، لېكىن ئۇلار ماڭا بىر پۇڭمۇ چىقىم قىلدۇرمىدى. بۇنداق ۋاقتىدا قىلىنغان ياردەم مېنى بەك تەسىرلەندۈردى، ئۇلار مېنىڭ ئۆمۈرلۈك قېرىندىشىم».

مەنسۇر بىلەن مەمەت مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت كىچىككىنە بىر ئىش قىلدۇق، لېكىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرىمىز».

«كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە» ئالىبابا گۇرۇھى مەملىكەتتىكى 100دىن ئارتۇق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلغان داڭلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى. تۈر 2013 ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، «چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى تارقىتىش، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئاددىي كىشىلەرنىڭ كىچىك ھەم گۈزەل ياخشى ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق، كىشىلەر قەلبىنى ئويغىتىپ، ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ياخشى ئىشلارغا ئىنتىلىشى، ئىللىقلىققا ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھازىرغىچە 90 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.