تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېلېكتىرون كەسپى پۈتۈن زەنجىر بويىچە توپلاشتى جەنۇبىي شىنجاڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ فېي خەۋەر قىلىدۇ: «1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىگە قەدەر، كارخانىمىز 15 مىليون يۈەنلىك زاكاز قوبۇل قىلىپ، يېڭى يىلدا <تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش>نى ئىشقا ئاشۇردى. كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىغىنى شۇكى، مەن تەكلىپ قىلغان شېنجېن شەھەرلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ساھە جەمئىيىتى، شېنجېن شەھەرلىك يان تېلېفون ساھە جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بۇ يىل 3 ـ ئايدا ئېلېكتىرون كەسىپلەر باغچىسىدا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىشەنچ باغلىدى» دېدى 1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ فۇلەي تەيكې ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، خوتەن لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دۇ چىڭشيەن مۇخبىرلارغا.

لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باتارېيە، زەرەتلىگۈچ، تىڭشىغۇچ، ئاق ماگنىتلىق كاناي قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ئاچىدىغان، ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك كارخانا. 2020 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ ـ شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىغا ماكانلىشىپ، SMT چاپلىما تاختا سېخى، سولياۋنى قېلىپقا قۇيۇش سېخى، پۈركۈپ سىرلاش سېخى، كاناي سېخى، سىم ماتېرىيال سېخى، قۇراشتۇرۇش سېخىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ سېخنى قۇرۇپ، 100 خىلدىن ئارتۇق تۈرلۈك ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى، مەھسۇلاتلار ئافرىقا، ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.

«زاۋۇت ئۆيلىرىدىن ئۈچ يىل ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، باج يىغىشتا <ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۈچنى يېرىم كېمەيتىش> تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، توك، سۇ ئىشلىتىشتە ئېتىبار بېرىلىدۇ، ئىشچى ئىشلىتىشتىمۇ كاپالەت بار.» 2019 ـ يىلىدىن باشلاپ، دۇ چىڭشيەن جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ۋىلايەت، ئوبلاستتا تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن، قاراقاشقا ماكانلىشىشنى تاللىدى.

ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كەسپىنىڭ غەربكە يۆتكىلىشى، شۇ جاينىڭ ئادەم كۈچى تەننەرخى ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇ چىڭشيەننى قاراقاشقا كېلىشكە جەلپ قىلغان ئامىل، دۇ چىڭشيەن يەنە شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنىدى.

«لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جايلاشقان شىنجاڭ فۇلەي تەيكې ئېلېكتىرون كەسىپلەر باغچىسىغا ئۈچ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى زاپچاسلىرى كارخانىسى ماكانلاشقان بولۇپ، يىلىغا 700 مىليون دانە كاناي، 30 مىليون دانە لەنيالىق تىڭشىغۇچ، 300 مىليون دانە سولياۋ قۇيما زاپچاس ئىشلەپچىقىرىپ، خام ماتېرىيال پىششىقلاشتىن تەييار مەھسۇلات سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.» دۇ چىڭشيەن مۇنداق دېدى: بىز تەكلىپ قىلغان ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يان تېلېفون، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقايدىغان ئۈسكۈنىلەر، 5G دەۋرى تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ بارلىق خەۋەرلىشىش ئېلېكتىرون تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ، ئىلگىرىكى «ئارقىدا قالغان جاي» جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرون كەسپى تەرەققىياتى ئېگىزلىكىگە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

قاراقاش ناھىيەلىك سودا ۋە سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: باغچە رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلار ئاز سوممىلىق سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەبلىغى تۈرى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تۈرى ھەمدە توشۇش ھەققى، توك ھەققى، قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى مەبلىغى قاتارلىق تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىما سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

شۇ كۈنى، لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چاپلىما تاختا سېخىدا، ئابدۇخەبەر مەمەت باتارېيە قوغداش تاختىسى، لەنيا ئاساسىي تاختىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈۋاتاتتى. 2021 ـ يىلى 2 ـ ئايدا، ئابدۇخەبەر لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى، تېخنىكىغا پىششىق بولغاچقا، ئۇ ناھايىتى تېزلا سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى. «مەن ئاساسلىقى تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل، ھەر ئايلىق مائاشىم 3200 يۈەن ئەتراپىدا. مېنىڭ نىشانىم شىركەتنىڭ تېخنىكا تايانچىسى بولۇش» دېدى ئابدۇخەبەر.

ھازىرغا قەدەر، قاراقاش ناھىيەلىك كەسىپ ـ شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىغا 17 كارخانا ماكانلىشىپ، 3189 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئېلېكتىرون كەسپى، ئاياغچىلىق، يالغان چاچ، ئالتۇن پىششىقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونى، ئېلېكتىرون كەسىپلەر باغچە رايونى، پايپاق كەسىپلەر باغچە رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

«كېيىنكى قەدەمدە، قاراقاش ناھىيەسى بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، باغچە رايونىنى كەسىپ، سودا، ساياھەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال باغچە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ» دېدى قاراقاش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گۇەنجۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.