تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامانلىق مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەممە ئائىلىنى قوغداش

− تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 22دە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى شىنجاڭغا كىرىدىغان، شىنجاڭدىن چىقىدىغان خادىملار ۋە ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. شىڭشىڭشيا ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نىڭ شىنجاڭغا كىرىش ئېغىزى، شىنجاڭنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى بولۇپ، قاتناش ئالدىراش ئىدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 6000دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم كىرىپ چىقاتتى. سوغۇق ھاۋادا، خەلق ساقچىلىرى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئامانلىق ساقلاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

قومۇل شەھىرى «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت باشلامچى بولۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلىش، تارماقلار ھەمكارلىشىش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شىڭشىڭشيا، بەيشەنچۈەندىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئايلىنىش لىنىيەسىدىكى ئىككى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئادەم، ئاپتوموبىل، بۇيۇملارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. «بىز شىنجاڭنى ئايلىنىش لىنىيەسىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ <سۈزگۈچ تور> <مۇداپىئە تېمى>لىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىشتىكى بىرىنچى بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسى ۋە شىنجاڭدىن چىقىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەيمىز» دېدى شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جاڭ لېي.

2020 - يىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شىنجاڭغا كىرىشتىكى تۇنجى بېكەت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان ئادەم، ئاپتوموبىل، بۇيۇملارغا قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قېلىپلاشتۇردى، شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە بەيشەنچۈەن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن كوللېكتىپ 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى.

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى خەلق ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئادەملەر زىچ توپلىشىدىغان مەيدان - سورۇنلاردا «ئالا قويماي» ئامانلىق چوڭ تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى. «كونا يىلنىڭ ئاخىرى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېدى ئەترەتنى باشلاپ تەكشۈرگەن قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن جېڭۋېيسى لى جېنخۇا.

ئامانلىق باشقۇرۇشتىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تارماق ئەترەت «مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش» «نېفىت - تەبىئىي گاز» «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تېلېگراف، رادىيو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى»نىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، 2021 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن شەھەر بويىچە مەكتەپلەرنى قوغداش ئۈچۈن 93 مىڭ ئادەم قېتىم ساقچى كۈچى ئىشقا سېلىنىپ، 382 جايدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى، تۈزىتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «دېلو ئاز يۈزبېرىش، تەرتىپ ياخشى بولۇش، جەمئىيەت مۇقىم بولۇش، ئامما رازى بولۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2021 - يىلىنىڭ بېشىدا، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى لىيۈەن ساقچىخانىسىغا ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تەرىپىدىن «فېڭچياۋچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى» دەپ نام بېرىلدى. لىيۈەن ساقچىخانىسىغا قاراشلىق رايون ئاۋات سودا رايونىغا جايلاشقان، كۆچمە نوپۇس كۆپ، كەسىپ مەيدان - سورۇنلىرى كۆپ بولغاچقا، زىددىيەت، ماجىرالار كۆپ يۈز بېرەتتى. ساقچىخانا ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ئەترىتىدىن 12نى قۇرۇپ، 122 مۇرەسسە ماھىرىنى قوبۇل قىلىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۇدا ئۈچ يىل %98.9تىن ئاشۇردى.

«مىليون ساقچى ئون مىليون ئائىلىگە كىرىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى لىيۈەن ساقچىخانىسىنى ئۈلگە قىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ساقچىخانا ۋە ساقچى ئىشخانىلىرىنىڭ «كۆپ مەنبەلىك مۇرەسسە قىلىش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ساقچىلىرىنى زىددىيەت، ماجىرالارنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر تۈگىتىشكە يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك زىددىيەت، ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا تۈگەتتى، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلدى، بىخ ھالىتىدە تۈگەتتى، 2021 - يىلىدىن بۇيان، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىدىن جەمئىي 661نى ھەل قىلدى.

«فېڭچياۋ تەجرىبىسى»گە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەممە ئائىلىنى قوغداش. خەلق ساقچىلىرى كىچىك دېلولارنى پاش قىلىپ، كىچىك ئىشلارنى بېجىرىپ، كىچىك غەم - ئەندىشىلەرنى تۈگىتىپ، كىچىك ئىشلارغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. «ساقچىلار بىلەن خەلقنىڭ ئارىلىقى يەنىمۇ يېقىنلاشتى، ساقچىلار بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، بۈگۈنكى كۈندە ئاممىنىڭ ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى» دېدى لىيۈەن ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ تيەنلېي.

لى جېنخۇا مۇنداق دېدى: قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىنچ - ئامانلىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تەقدىم قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.