1- ئاينىڭ 4- كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خۇلۇگۇا يىغىشىغا ياردەم بەرمەكتە.
ئېزىز سامساق فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ قىزىل بازىرى چىمەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات يىغىشىغا ياردەملىشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.