قىشتىكى گەنسۇ چىليەنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، سۈلەيسۈن، تۈلكە، ئاق تۇمشۇقلۇق بۇغا، بۆرە، كۆكمەت قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ئوزۇق ئىزدىمەكتە.
ياڭ يۇڭۋېي (خەلق سۈرەت تورى)
خەلق تورى خەۋىرى گەنسۇ چىليەنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى، ئىچكى موڭغۇل-شىنجاڭ ئېگىزلىكى، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئېگىزلىك بەلبېغىدىكى چىليەنشەننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى تىپىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا تەۋە، ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 653 مىڭ گېكتار، چىڭخەي ئارچىسى، چىليەن ئارچىسى ۋە يىلپىز، ئاق تۇمشۇقلۇق بۇغا، ياۋا قوتاز، ياۋا ئېشەك، ما شې، سۈلەيسۈن قاتارلىق جانلىقلار قوغداش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ.