تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 1 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتىنى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتىدىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىشىمىز كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىللىق تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاخبارات تەشۋىقاتى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت تەشۋىقاتى، جەمئىيەت تەشۋىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تاشقى تەشۋىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا تارقىتىشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات ـ ئىدىيە سېپىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتىنى پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، تاۋلاپ، بىخەتەرلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو ساداسىنى كۈچلۈك ياڭرىتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، ئاخبارات ـ نەشرىيات، مەدەنىيەت ـ ئەدەبىيات ـ سەنئەت، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، خەلقئارا تارقىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن قوزغالغان پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى تارقىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات ـ ئىدىيە سېپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.