تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چاڭ شۇخۇڭ مېنىڭ ئۆز ئاچام

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن

«بالىلار، تاپشۇرۇقنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال موماڭلار ئەتكەن ئىسسىق قاسقان قاتلىمىسىنى تېتىپ بېقىڭلار.» 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىرىنزا يېزىسى سەنشىلى گۈەنزە كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى چاڭ شۇخۇڭ ئۆيىگە تاپشۇرۇق ئىشلىگىلى كەلگەن بالىلارنى ئىشارە قىلغاچ: «بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئادەتتە سەل ئالدىراش، ھازىر جىغانلىقىمىزدا دېھقانچىلىق ئىشى كۆپ بولمىغاچقا، بۇ بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىمەن» دېدى.

بالىلار قولىدىكى قاسقان قاتلىمىسىنى يەپ بولماي تۇرۇپلا، ئاتا-ئانىلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، شىرىنزا يېزىسى ۋېيكاڭ دېھقانچىلىق مەيدانى جىغانزارلىقىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئۆي قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

«مېنىڭ بالام چاڭ شۇخۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا بەك ئامراق. ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ياردىمىدە، بالامنىڭ تىل-ئەدەبىيات سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.» سەنشىلى گۈەنزە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەرۋەرت قامزا مۇنداق دېدى: «كەنت ئېغىزىدىكى دۇكاننى ئۇلار ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ياردىمىدە ئاچتۇق».

1993-يىلى، چاڭ شۇخۇڭ كۇيسۇ بازىرىدىن شىرىنزا يېزىسىنىڭ سەنشىلى گۈەنزە كەنتىگە ياتلىق بولۇپ كېلىپ، مەرۋەرت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشنا بولدى. شۇ چاغدا، چاڭ شۇخۇڭ بىلەن ئېرى شۈ جىچېڭ 200 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ بۇغداي تېرىغانىدى.

«دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئادەم ئاز، ئىش كۆپ بولىدۇ. مەرۋەرت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بولغاچقا، دېھقانچىلىق ئىشلىرىمىز ۋاقتىدا تۈگەيتتى» دېدى چاڭ شۇخۇڭ ئەسلەپ.

2014-يىلى، شىرىنزا يېزىسى ۋېيكاڭ دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلدى. چاڭ شۇخۇڭ بىلەن ئېرى 200 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ 30 مىڭ تۈپ جىغان دەرىخى تىكتى. دەسلەپكى ئۈچ يىلدا، جىغاننىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ئەمما چاڭ شۇخۇڭ ۋاز كەچمىدى. 2017-يىلى، جىغاندىن ئاخىر مول ھوسۇل ئېلىنىپ، چاڭ شۇخۇڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ ياخشىلاندى.

2018-يىلىنىڭ بېشىدا، مەرۋەرت چاڭ شۇخۇڭنىڭ جىغان شاخلىرىنى چاتىشىغا ياردەملىشىۋېتىپ، چاڭ شۇخۇڭغا ئۆزىنىڭ بىر دۇكان ئاچقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، بۇ ئوي چاڭ شۇخۇڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. «دۇكان ئېچىش جەريانىدا، قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ» دېدى چاڭ شۇخۇڭ قەتئىيلىك بىلەن.

چاڭ شۇخۇڭنىڭ ياردىمىدە، مەرۋەرت تىجارەت كىنىشكىسىنى ناھايىتى تېزلا بېجىردى. بىراق، تىجارەت كىنىشكىسى بولسىمۇ، دۇكان ئۇزاققىچە ئېچىلمىدى، چاڭ شۇخۇڭ سوراپ، ئەسلىدە مەبلەغ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن، چاڭ شۇخۇڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات بولمىغان ئەھۋالدىمۇ مەرۋەرتكە 10 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇردى.

ئىش باشلاش مەبلىغى بار بولدى، مەرۋەرت يەنە بىر چوڭ مەسىلىگە دۇچ كەلدى، يەنى ئۇ مال زاكاز قىلىشنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن چاڭ شۇخۇڭ ئەر-خوتۇن دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مەرۋەرتكە ياردەملىشىپ مال زاكاز قىلىشىپ بەردى. «دەسلەپكى ئىككى يىلدا، دۇكىنىمنىڭ ماللىرىنى چاڭ ئاچام ماڭا ياردەملىشىپ زاكاز قىلىشىپ بەرگەن، ئۇ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆز ئاچامدەكلا» دېدى مەرۋەرت.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىرىنزا يېزىسى ۋېيكاڭ دېھقانچىلىق مەيدانى ئىستېرېئولۇق تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى يولغا قويدى. نۇرغۇن كىشى جىغانلىقتا كالا، قوي، توخۇ قاتارلىق چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى باقتى. چاڭ شۇخۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۇرتداشلار بىر يىلنىڭ ھەممىلا ۋاقتىدا ئالدىراش يۈرىدىغان بولدى.

«چاڭ ئاچامنىڭ يېتەكلىشىدە، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشىلاندى.» كەنت ئاھالىسى جەڭىسقان كەرىم يەنە مۇنداق دېدى: «مەن جىغان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا كالا-قوي بورداپ كىرىمىمنى ئاشۇردۇم».

جەڭىسقاننىڭ خوتۇنى ئاجىز، كېسەلچان بولۇپ، جەڭىسقان سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئويلسىمۇ، لېكىن خوتۇنىدىن غەم يەيتتى. چاڭ شۇخۇڭ ئۇنىڭغا جىغانلىققا كېلىپ ئىشلەشنى ئېيتتى، ئۇنىڭغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى؛ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا، ئۇ قوي-كالا بوردىدى.

چاڭ شۇخۇڭنىڭ ياردىمىدە، جەڭىسقان دېھقانچىلىق مەيدانىدا جىغان ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە 200دىن ئارتۇق قوي، 20دىن ئارتۇق كالا باقتى.

ھازىر، بۇ جىغانلىقتا چاڭ شۇخۇڭ يۇرتداشلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بولمىسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىنمۇ يېقىن ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى