تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خامانكۆيدى كەنتى: تېرىقچىلىق ئاقىللاشتى  چىلان دېھقانلارنى بېيىتتى

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ) «مېنىڭ 35 مو چىلانلىقىم بار، 2021-يىلى چىلان سېتىپلا تەخمىنەن 168 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم» دېدى مەكىت ناھىيەسى يانتاق يېزىسى خامانكۆيدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەمەت ئۇرايىم خۇشاللىقىدىن ئاغزى يۇمۇلماي.

  ئەمەتكە ئوخشاش مول ھوسۇل ئالغان يەنە نۇرغۇن چىلانچى دېھقان بار. «مېنىڭ 23 مو چىلانلىقىم بار، ھەر مو يەردىن 600 كىلوگىرام چىلان ئالىمەن. بىز ھەممىمىز ناھىيەدىكى چىلان سودا مەركىزىگە ئاپىرىپ ساتىمىز، سېتىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى ئابلەت ئەمەت ئەمەتنىڭ گېپىگە ئۇلاپ.

  خامانكۆيدى كەنتىنىڭ چىلىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ». «دەسلەپتە، بىز چىلان دەرىخىنى كۆپ تىكسەك، كۆپ مېۋە بەرسە، كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغاندەك ھېس قىلغانىدۇق» دېدى ئابلەت ئەسلەپ.

  نۇرغۇن چىلانچى دېھقان ئابلەتكە ئوخشاش ھەمىشە مەھسۇلات مىقدارىنى قوغلىشىپ، چىلان دەرىخىنى زىچ تىكىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ، بىر مەھەل يىرىك پەرۋىش قىلىپ، چىلاننىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتتى. ئابلەت مۇنداق دېدى: «چىلاننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى، ئەمما باھاسى چۈشۈپ كەتتى، بىر كىلوگىرامىنى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئاران ئۈچ يۈەنگە ساتتۇق.» كۆپ يىل چىلان ئۆستۈرگەن خامانكۆيدى كەنتىدىكى چىلانچى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى دېگەندەك ئۆسمىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئەھۋال زور دەرىجىدە ئۆزگەردى. ئابلەت مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا، بىز چىلاننى قانداق پەرۋىش قىلىشنى ھەقىقىي ئۆگىنىۋالدۇق!».

  «ئەينى يىلى، مەن چىلانلىقىمغا قاراپ نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالغاندا، ناھىيەدىكى تېخنىك خادىم كەلدى، ئۇ بىزنىڭ چىلان دەرەخلىرىنى چاتىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلدى» دېدى ئابلەت ئەسلەپ، «مۇتەخەسسىسلەر قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلىپ، دېھقانلارنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشقا يېتەكلىدى، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن باشقىچە بولدى!»

  غوللۇق تېخنىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىش، دېھقانلار تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى تېخنىكا مۇلازىمىتى ئارقىلىق، خامانكۆيدى كەنتى چىلانلىقىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  «تېخنىكا مەدىتى بولغاچقا، چىلاننىڭ سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولدى، باھاسىمۇ ئۆستى.» ئابلەت كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2021-يىلى چىلانلىقىمنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 600 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، مو بېشى كىرىمى 4800 يۈەن بولدى».

  پەن-تېخنىكىنىڭ كېڭەيتىپ قوللىنىلىشى ئاممىنى ئەمەلىي كىرىمگە ئىگە قىلدى، ئۇلارغا ئىلمىي پەرۋىش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى. «كۆپ تېرىغاندىن ياخشى تېرىغان ياخشى!» ئابلەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «چىلاننى ياخشى ئۆستۈرۈشتە، چىلاندىن كۆپ مېۋە ئېلىشتا ئىلمىي پەرۋىش قىلىش كەم بولسا بولمايدۇ.»

  قاراش ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئابلەت چىلانلىقىدا سۇ بىلەن ئوغۇت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش سىستېمىسى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك ھاشارات ئۆلتۈرۈش چىرىغى، ھاشارات تۇتۇش قۇتىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپلا قالماي، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەنە چىلان شاخلىرىنى كېسىپ شالاڭلىتىپ، شامال ئۆتۈشۈشى، نۇر چۈشۈشىنى ياخشىلىدى.

  خامانكۆيدى كەنتىنىڭ چىلانلىقىدىكى كىچىك ئۆيگە كىرسىڭىز، بىر ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكراندا سۇ، ئوغۇتنى باشقۇرۇش، زىيانداش ھاشاراتلارنى نىشانلىق يوقىتىش، تۇپراق مۇھىتىنى ھەر ۋاقىت ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەزمۇنلار چىقىپ تۇرىدۇ، باشقۇرغۇچى خادىملار يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىقلا ئالاقىدار مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ.

  «بۇ چىلانلىقتىكى چىلانلارنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدىكى پەن-تېخنىكا تەركىبىمۇ يۇقىرى». خامانكۆيدى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قۇۋان ئەخمەت مۇنداق دېدى: بۇ 100 مولۇق ئاقىل چىلانلىق شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرى مەكىت ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئېلىپ بارغان بىر دادىل سىناق.

  مەكىت ناھىيەسى يانتاق يېزىسىدا چىلان تەتقىقات پونكىتى، ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاپ قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇردى.

  «كەنتىمىزدە 8500 مو تېرىلغۇ يەر بار، 5800 مو يەرگە چىلان دەرىخى كىرىشتۈرۈپ تېرىلدى. 2021-يىلى، پۈتۈن كەنت بويىچە چىلاننىڭ مو بېشى ھوسۇلى 550 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، چىلان تۈرىدىلا پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 6182 يۈەن ئاشتى» دېدى قۇۋان.

  چىلان ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، چىلاننى ئىنچىكە پىششىقلايدىغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن يانتاق يېزىسىغا ماكانلىشىپ، «ئىشلەپچىقىرىش + پىششىقلاش + ئەشيا ئوبوروتى + پەن-تېخنىكا + مۇلازىمەت»تىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى ئەندىزە شەكىللىنىپ، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشتى.

  2021-يىلى، يانتاق يېزىسى يەنە چىلان كەسپى بويىچە 11-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»تىكى ئۈلگىلىك كەنت-بازار تىزىملىكىگە تاللاندى، چىلان شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى