تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قۇياش نۇرى پارنىكى قانداق قىلغاندا ئىسسىقلىقنى ساقلىيالايدۇ

1. قۇياش نۇرى پارنىكىنىڭ يۆنىلىشى. بۇ، پارنىك ئۆگزە قىرىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە شىمال-جەنۇب يۆنىلىشىدە سېلىنغان، شەرقى بىلەن غەربى ئۇزارتىلغان بولىدۇ، قۇياش نۇرىنى يېتەرلىك قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، كۈن نۇرى چۈشۈش يۈزى جەنۇبقا قارايدۇ. شىنجاڭدا قىش پەسلىدە ئەتىگەن كەچقۇرۇندىنمۇ بەكرەك سوغۇق، يوپۇقنى بەك بالدۇر ئېچىۋېتىشكە بولمايدۇ، دائىم ئەتىيازدا بالدۇر، كۈزدە كېچىكىپ پىشىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى قۇياش نۇرى پارنىكىنىڭ چەتنەش بۇلۇڭى ئادەتتە قىيپاش غەربىي جەنۇب 5 گىرادۇستىن 8 گىرادۇسقىچە بولىدۇ، قىشتىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى قۇياش نۇرى پارنىكىنىڭ چەتنەش بۇلۇڭى ئادەتتە قىيپاش غەربىي جەنۇب 5 گىرادۇستىن 10 گىرادۇسقىچە بولىدۇ.

2. پارنىكنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى. پارنىكنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى پارنىكنىڭ قوغداش قۇرۇلمىسىغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارغا باغلىق، تاللاش پىرىنسىپى پارنىك ئىچىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنى توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ھەم بەلگىلىك ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت. پارنىك تېمىنىڭ ئىچكى قەۋىتىدىكى ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان قەۋەت قۇياشنىڭ ئىسسىقلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئوتتۇرىسىدا ئىسسىقلىق ساقلىغۇچى قەۋەت ئىسسىقلىق ساقلايدۇ، سىرتقى تەرىپىدە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان قەۋەت ئۆي ئىچى-سىرتىدىكى ئىسسىق-سوغۇق ئېقىننى توسىدۇ.

3. پارنىكنىڭ ئېغىرلىق لايىھەسى. ئېغىرلىق لايىھەسى پارنىكنىڭ قار-شىۋىرغانغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولۇپ، پارنىك ياساشتىكى قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھەسىدە ئېغىرلىقنى GB/T18622-2002 بويىچە ھېسابلاش، سېلىشتۇرۇش كېرەك. پارنىك قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھەسى ئۆلچەملىك شامال بېسىمى، قارنىڭ ئاساسىي ئېغىرلىقى، مەڭگۈلۈك ئېغىرلىق ۋە تاسادىپىي ئېغىرلىقتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بويىچە تەلەپنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك.

4. يۈرۈشلۈك جابدۇقلار. پارنىكنىڭ ئاساسىي يانداش ئەسلىھەلىرى يۆگەش ماشىنىسى، پاختىلىق يوتقان، سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى، ۋاقىتلىق قوشۇمچە ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى