ئانار بۇلۇت خەۋىرى يېقىندا، شىنجاڭ چاقىلىق دەرياسى سۇ ئامبىرىدىكى تۇنجى سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تەڭشەش ۋە توك تارقىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، 2-نومۇرلۇق ۋە 3-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى سىناق قىلىپ تەڭشەش نۆۋەتتە جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 2022-يىلى 4-ئايدا تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش مۆلچەرلەندى.
چاقىلىق دەرياسى سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 17 مىليون 760 مىڭ كۇب مېتىر، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2.6 مېگاۋات، بۇ قۇرۇلۇش 2017-يىلى 3-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 2020-يىلى 12-ئايدا چۈشۈرگە چۈشۈرۈلۈپ سۇ ساقلانغان، 2021-يىلى 12-ئايدا تۇنجى سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك توك چىقاردى.
بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، شۇنداقلا چاقىلىق دەرياسىدىكى تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇغىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك چىقىرىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
شىنجاڭ چاقىلىق دەرياسى سۇ ئامبىرى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. (2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تارتىلغان)
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
شىنجاڭ چاقىلىق دەرياسى سۇ ئامبىرى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. (2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)