تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تۆگە باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي خەۋەر قىلىدۇ) 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە، غۇلجا شەھىرى قارا دۆڭ يېزىسى جىرغىلاڭ كەنتىدىكى دېھقان ئەدھەم زېرىپ تۆگە قوتىنىغا كېلىپ، تۆگىلەرنى سۇغىرىش، ئۇلارغا يەم-خەشەك بېرىش ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  «تۆگىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، يىرىك يەم-خەشەك بىلەن بېقىلىدۇ، بېقىش تەننەرخى بىرقەدەر تۆۋەن، يەنە ھەممىلا يېرى گۆھەر، تۆگە سۈتى، تۆگە يۇڭى قاتارلىقلارنى ساتقىلى بولىدۇ، بازار ئەھۋالى ياخشى بولغاندا بىر تۆگىنى 35 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ» دېدى ئەدھەم خۇشال ھالدا، بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا يەنە 20 بوتىلاق كۆپەيدى.

  2012-يىلى، ئەدھەم ئەتراپتىكى باقمىچىلار بىلەن بىرلىكتە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، باقمىچىلىق كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بازار ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ،2017-يىلى، ئەدھەم بىر قىسىم قوي-كالىلىرىنى سېتىپ، تۆگە بېقىپ، تۆگە سۈتى ساتتى. بىرنەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ھازىر تۆگە 107گە يەتتى. كوپىراتىپنىڭ باقمىچىلىق قوتىنىمۇ ئەسلىدىكى 800 كىۋادرات مېتىردىن 1200 كىۋادرات مېتىرغا چوڭايتىلدى.

مۇختەرجان ياسىن قوتان تازىلىماقتا، ئۇ ئايدا 4000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدۇ.
 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

  «مەن پاي قوشۇش شەكلىدە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدۇم، ھەمكارلىق كوپىراتىپى چارۋىلارنى بىرتۇتاش مەركەزلەشتۈرۈپ باقىدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە ساتىدۇ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا ماڭا 60 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى، تۆگە بېقىش مېنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزدى.» كوپىراتىپ ئەزاسى تۇرسۇن ئوبۇل تۆگە باقمىچىلىقىنىڭ ئۈنۈمى تىلغا ئېلىنغاندا خۇشاللىقتىن ئېغىزى يۇمۇلماي قالدى.

  «مەن ھەر كۈنى قەرەللىك ۋاقىتتا ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلەيمەن، ھەر ئايدا 4000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن، بىكار ۋاقىتلىرىمدا يەنە ئېتىزغا بېرىپ دېھقانچىلىق قىلىمەن. ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا باقمىچىلىق تېخنىكىسى، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە بىر كىشىلىك كىرىمىم كۆپەيدى، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىدىم، ھازىر بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ئون نەچچە سېغىن كالا بار» دېدى جىرغىلاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇختەرجان ياسىن.

ئەدھەم زېرىپ تۆگە سۈتى سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارغا تۆگە سۈتى ساتماقتا. ھازىر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە سۈت چىقىدۇ، پارچە سېتىش باھاسى 60 يۈەن ئەتراپىدا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

  ئەدھەمنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ 23 ياشلىق ئوغلى ئەلقەم ئەدھەم ئىلى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھازىر كوپىراتىپتىكى ئەڭ ياش باقمىچىلىق تېخنىكى بولۇپ قالدى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى بىلەن تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا توختالغاندا ئەدھەم ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن تۆگە بېقىشنى خالايدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، تۆگە باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى