تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

مايسا يېتىشتۈرۈشتە دائىم ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر

  1. ئۇرۇق سېسىپ كېتىش. ئۇرۇق سېسىپ كېتىش بىر تەرەپتىن ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇرۇق پىشمىغان بولسا، ساقلاش جەريانىدا كۆكىرىپ قېلىپ، چىلىغاندا كۆيۈپ سېسىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېرىغاندىن كېيىن تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يۇقىرى نەملىك، ئېچىمىغان ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىشتىن، ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ، ئۇزاق مەزگىل ئوكسىگېن كەمچىل شارائىتتىمۇ ئاسانلا سېسىپ قالىدۇ.

  2. مايسا تەكشى چىقماسلىق. مايسىنىڭ تەكشى چىقماسلىقىنى ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى، تۇپراق نەملىكىنىڭ تەكشى بولماسلىقى، تۇپراققا كۆمۈلۈشىنىڭ تەكشى بولماسلىقى، مايسىخانا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەكشى بولماسلىقى، ئورگانىك ئوغۇتنىڭ ئېچىمىغانلىقى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  3. پوستى بىلەن بىخلىنىش. تۇپراقنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە تۆۋەن بولۇش، ئۇرۇق تېيىز سېلىنسا ياكى توپا بەك قۇرغاق بولسا ئۇرۇق پوستىنىڭ بېسىلىشى يېتەرلىك بولماي ياكى ئۇرۇق پوستى قۇرغاق ھەم قاتتىق بولۇپ ئاسانلىقچە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. پېلەكلىك زىرائەت ئۇرۇقىنى بىۋاسىتە سانجىپ تېرىغاندىمۇ ئاسانلا پوستى بىلەن بىخلىنىدۇ. پوستى بىلەن بىخلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇرۇق سالغاندا توپىنى تەكشى يېيىتىپ، تېرىغاندىن كېيىن تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پوستى بىلەن بىخلانغانلىقى بايقالغاندا، ئالدى بىلەن سۇ پۈركۈپ ئۇرۇق پوستىنى يۇمشىتىپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇق پوستىنى ئاجرىتىش كېرەك.

(شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.