تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تەقدىرداش بولۇش

− يىپەك يولى روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جويەن

بۇ، تۈمەن چاقىرىملىق تۆگە كارۋىنى تۈمەن چاقىرىمغا تارقاتقان ھەيۋەتلىك داستان −

چاڭئەندىن رىمغىچە، چۇەنجوۋدىن مەككىگىچە، قەدىمكى يىپەك يولى يىراق ـ يىراقلارغا تۇتىشىپ مىڭ يىللار داۋاملىشىپ، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق ـ سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىنى مۇجەسسەملىدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، ئۆزى تۈرتكە بولۇشى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مۇھىم، زور تەشەببۇس مىڭ يىللىق يىپەك يولىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەجدادلىرىمىز دوستانە ئالاقىلىشىشتىن ئىبارەت سەمىمىي ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىنى ئېچىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ تىنچ ھەمكارلىشىش كۆۋرۈكىنى سالدى. شەرقنىڭ يىپەك، چاي، فارفۇر بۇيۇملىرى بىلەن غەربنىڭ دىن، ئاسترونومىيە، كالېندارى تۆگە كارۋانلىرى ۋە ئاق يەلكەنلىك كېمىلەر ئارقىلىق توشۇلۇپ ئوبوروت قىلىندى، قەدىمكى يىپەك يولى قۇرۇقلۇقتا «ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان، سودا كارۋانلىرى ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان» ھەيۋەتلىك مەنزىرىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا دېڭىزدا «كېمىلەر تىنىمسىز قاتناپ تۇرىدىغان، سانىنى بىلگىلى بولمايدىغان» ئاۋات مەنزىرىگە گۇۋاھ بولدى.

ھالبۇكى، تىنچلىققا كاشىلا قىلىدىغان تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللار تۈپەيلىدىن، قەدىمكى يىپەك يولى بويىدىكى نۇرغۇن «سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان جاي»لار بىرمەھەل توقۇنۇش، داۋالغۇش ۋە كىرىزىس، خىرىسنىڭ يەنە بىر نامى بولۇپ قالغان.

بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەشەببۇس مىڭ يىللار داۋاملاشقان يىپەك يولىنى قايتا ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى −

2013 ـ يىلى 9 ـ ئايدا ۋە 10 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قازاقىستان، ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 ـ ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى قۇرۇشنى، يەنى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تارىخىي ئېقىمنىڭ داۋاملىشىشى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن توغرا تاللاش، تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەنلا كۈچلۈك دەۋر ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى. 2017 ـ يىلى ۋە 2019 ـ يىلى، جۇڭگو ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى نۆۋەت «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزدى، قاتناشقان دۆلەتلەر تۇنجى نۆۋەتتىكى 130 نەچچىدىن 2 ـ نۆۋەتتىكى 150كە يېتىپ، ئارزۇ ـ ئىستەكلىرى بىردەك بولغان دوستلار بارغانسېرى كۆپەيدى...

«مېنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى مەقسەت ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ئەركىن، قولاي يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى جاراڭلىق ئىدى.

تۇتاشتۇرۇش ئورتاق ئىلگىرىلەشكە باشلايدۇ، بېكىنمىچىلىك ھەممىنى چېكىندۈرىدۇ. سىياسەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ئىچكى يادرو قىلىنغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش لايىھەسى دەل «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ جەۋھىرىدۇر.

«<تۇتاشتۇرۇلسا> بايلىقنى بىرىكتۈرگىلى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، ماددىي ئەشيالارنى بېيىتقىلى، تېخنىكىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، ھېسسىيات ئالماشتۇرغىلى، زىددىيەتلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغىلى، تەقدىرنى ئورتاق زىممىگە ئالغىلى بولىدۇ.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى جوۋ خۇڭ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا تەشەببۇس قىلىنغان «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش» جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇردى، ئۇ، كۆپ تەرەپلىك، ئىستېرېئولۇق، تورسىمان چوڭ تۇتاشتۇرۇش، تېخىمۇ مۇھىمى، ھاياتىي كۈچكە تولغان، كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئوچۇق سىستېما.

ئەمەلىي ھەمكارلىق پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ ئارزۇغا يەتكۈزدى

2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، «لەنساڭ» ناملىق ۋە فۇشىڭ ناملىق ئوق پويىزنىڭ ۋىيېنتيان ۋوگزالى ۋە كۇنمىڭ ۋوگزالىدىن ئايرىم ـ ئايرىم يولغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى. لائوسلۇق قىز شىدا پىڭپېڭشاۋەننىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پەقەت بىر قەدەملا قالدى.

بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن شىدانىڭ بىر تەۋرەنمەس ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ، پويىز شوپۇرى بولۇش. جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولى چەكلىك شىركىتى تۆمۈريول ياساشتىن سىرت تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، تەخمىنەن 600 نەپەر لائوسلۇق كۇرسانتقا پاراۋۇز ھەيدەش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگەتتى، شىدا دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولى شىداغا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە لائوسنىڭ «ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىدىن قۇرۇقلۇقتىكى تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەتكە ئايلىنىش» ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوشۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش... ئاسىيادىن ياۋروپاغىچە، ئافرىقىدىن لاتىن ئامېرىكىسىغىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش سانسىزلىغان ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

«يىرىك سىزما رەسىم»دىن «ئىنچىكە سىزما رەسىم»گىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئەمەلىي، مول مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەقىقىي تۈردە بۈگۈنكى دۇنيادىكى دائىرىسى ئەڭ كەڭ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى −

ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو 140 دۆلەت، 32 خەلقئارا تەشكىلات بىلەن 200 پارچىدىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى؛ جاكارتا ـ ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى، ۋېنگىرىيە ـ سېربىيە تۆمۈريولى، مومباسا ـ نايروبى تۆمۈريولى، گوئادىر پورتى، خامبانتوتا پورتى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم تۈرلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، «ئالتە كارىدور، ئالتە يول، كۆپ دۆلەت، كۆپ پورت»تىن ئىبارەت ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن بولغان سودا سوممىسى جەمئىي 9 تىرىليون 200 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى جەمئىي 130 مىليارد دوللاردىن ئاشتى؛ جۇڭگو تەشەببۇس قىلىپ تەسىس قىلغان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى، يىپەك يولى فوندى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەبلەغ يوللىرىنى كېڭەيتتى...

دۇنيا بانكىسىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى 7 مىليون 600 مىڭ كىشىنى زىيادە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىكەن، 32 مىليون كىشىنى ئوتتۇراھال نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىكەن، ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سودىسىنى %2.8تىن %9.7 كىچە ئاشۇرىدىكەن، پۈتۈن يەر شارى سودىسىنى %1.7تىن %6.2كىچە ئاشۇرىدىكەن، پۈتۈن يەر شارى كىرىمىنى %0.7تىن %2.9كىچە ئاشۇرىدىكەن.

تەقدىرداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كەلگۈسىنى يارىتىش

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغاندىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەر بىر ـ بىرىنى قوللاپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك تەقدىر رىشتىسىنى باغلىدى.

دېڭىز تىرانسپورتى توسالغۇغا ئۇچرىغان، ئايروپىلان ئۇچۇشتىن توختىغان مەزگىلدە، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «ئېقىنغا قارشى ئىلگىرىلەپ»، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم «ھاياتلىق لىنىيەسى»گە ئايلىنىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا جەمئىي 12 مىليون 320 مىڭ يەشىك، 96 مىڭ توننا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشياسى توشۇلدى، «ھاياتلىق تىرانسپورت لىنىيەسى» راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ياۋروپاغا يەتكۈزۈلدى.

ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، ئىشەنچ قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، تىنچلىق قىزىل رەقىمى ئازايماي، بەلكى كۆپەيدى، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا ۋەزىپە مۈشكۈل، يول يىراق... ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاياققا مېڭىشى كېرەك؟

«ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش» بۇ، قەتئىي ھەم ئېنىق بولغان جۇڭگو لايىھەسى، ھالبۇكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ئېنىقكى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئەمەلىيەت سۇپىسىدۇر.

قول تۇتۇشۇپ «يېشىل يىپەك يولى» «ساغلام يىپەك يولى» «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىپەك يولى» «تىنچ يىپەك يولى» بەرپا قىلايلى... 2016 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشى قانۇن چىقىرىش پالاتاسىدا سۆزلىگەن نۇتقى كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇردى.

«تېخىمۇ زىچ بولغان سەھىيە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش» «تېخىمۇ زىچ بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش» «تېخىمۇ زىچ بولغان يېشىل تەرەققىيات ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش» «تېخىمۇ زىچ بولغان ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش»... بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2021 ـ يىل يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

يېگانە گۈل ئاچسا پورەك، بەرمەس باھاردىن دېرەك، تولار زېمىن باھار پەيزىگە، بارچە گۈللەر ئاچقاندا پورەك. ئامېرىكا «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» غەربنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولغان بىر «يېڭى دۇنيا قاراش»نى نامايان قىلدى، دەپ باھا بېرىلدى.

«<بىر بەلباغ، بىر يول> جۇڭگو تەشەببۇسىدىن ئاللىقاچان يەر شارىۋى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.» سىچۇەن داشۆ خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى دەي يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، يەر شارىۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرۈپ قالدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يەر شارىۋى تىنچ ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى مۇھىم يول بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاۋاز قوشتى ھەم جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2021 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.