تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئارزۇغا ئىنتىلىش ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش

− ئاينى تەكشۈرۈش روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ جې

380 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاي شارىدا، چاڭئې 3 ـ نومۇرلۇق قونۇش ئۈسكۈنىسى ھازىرغىچە نورمال يۈرۈشۈپ، خەلقئارادىكى ئاي يۈزىنى چارلاش ـ تەكشۈرۈشتىكى يېڭى رېكورتنى يېڭىلىماقتا؛ ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، چاڭئې 4 ـ نومۇر ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىگە سىلىق قونۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، قونۇش ئۈسكۈنىسى بىلەن يۈتۇ 2 ـ نومۇرلۇق ئاي شارى ماشىنىسىنىڭ ئاي يۈزىدە خىزمەت قىلغان ۋاقتى 1000 كۈندىن ئاشتى؛ پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە، چاڭئې 5 ـ نومۇر ئېلىپ كەلگەن «ئەڭ ياش» ئاي توپىسىدىن ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر يارىتىلماقتا ...

2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، چاڭئې 5 ـ نومۇرنىڭ قايتىش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىدىن ئالغان ئەۋرىشكىنى ئېلىپ ئىچكى موڭغۇلنىڭ دۆربۈد خوشۇنىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن رايونغا بىخەتەر قوندى، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چاڭئې 5 ـ نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى «ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت ئاينى تەكشۈرۈش روھىغا مەركەزلىك يىغىنچاقلىدى.

ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. ئاينى تەكشۈرۈش روھى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرى ۋە سانسىزلىغان پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن ـ تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇلۇغ روھ، چاڭئې 1 ـ نومۇردىن چاڭئې 5 ـ نومۇرغىچە، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاينى تەكشۈرۈش روھىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى تەدرىجىي بېيىپ، قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، قۇرۇلۇشتا ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى غەلىبە قىلىش مەخپىي نومۇرىغا ئايلىنىپ، دۇنيا ئالەم قاتنىشى تەرەققىياتىنىڭ يالقۇنلۇق سەھىپىسىنى پۈتتى.

باتۇرلۇق بىلەن پەن ـ تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش − ئاينى تەكشۈرۈش روھى يەنە بىر قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق

مىكروسكوپ ئاستىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۈچ گىرام ئۇۋىندىدىن ھەربىر تال تاغ جىنس ئۇۋىندىسىنى قول بىلەن تاللاپ، ئاندىن بۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت چاچنىڭ دىيامېتىرىنىڭ 20دىن بىرىچىلىك كېلىدىغان چوڭلۇقتىكى مىنېرال ماددىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ «يېشى»نى ئۆلچىدى.

بۇ ئۈچ گىرام ئۇۋىندا چاڭئې 5 ـ نومۇر ئاي شارىدىن ئېلىپ كەلگەن 1731 گىرام ئاي توپىسىدىن ئېلىنغان، جۇڭگو ئالىملىرى چاڭئې 5 ـ نومۇر ئېلىپ كەلگەن ئاي توپىسى ئەۋرىشكىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاي شارىنىڭ گېئولوگىيە مەنىسىدىكى «ئۆلۈش» ۋاقتىنىڭ ئەسلىدىكى قاراشتىكىدىن 800 مىليون يىل كېيىن ئىكەنلىكىنى بايقاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرىغا يېڭى تەتقىقات يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگو يەنە بىر قېتىم دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى.

2004 ـ يىلى ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇلغاندىن تارتىپ، 17 يىلدىن بۇيان، چاڭئې 1 ـ نومۇر، چاڭئې 2 ـ نومۇر، چاڭئې 3 ـ نومۇر، قايتا كىرىپ قايتىپ ئۇچۇش سىنىقى، چاڭئې 4 ـ نومۇر، چاڭئې 5 ـ نومۇر «ئالتە قېتىملىق جەڭدە ئالتە قېتىم غەلىبە قىلىپ»، «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش نىشانىنى قەرەلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

سان ـ ساناقسىز ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا «چاڭئې» بىلەن «يۈتۇ» كەينى ـ كەينىدىن قالتىس «ئاي ئوردىسى ھېكايىسى»نى پۈتۈپ، ئاينىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى قەدەممۇقەدەم ئاچتى.

چاڭئې 1 ـ نومۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاينى ئايلىنىپ ئۇچۇشىدىن چاڭئې 2 ـ نومۇرنىڭ تۇنجى قېتىم «بىر سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۈچ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش»تەك كۆپ نىشانلىق تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغىچە، چاڭئې 3 ـ نومۇرنىڭ ئاي شارىدىكى ھەسەن ـ ھۈسەن قولتۇقىغا دەل جايىدا قونۇشىدىن چاڭئې 4 ـ نومۇرنىڭ ئىنسانلار ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاينىڭ ئارقا تەرىپىگە سىلىق قونۇش ۋە سەييارە تەكشۈرۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇشىغىچە، قايتا كىرىپ قايتىپ ئۇچۇش سىناق ئۈسكۈنىسىنىڭ 2 ـ ئالەم سۈرئىتىگە يېقىن سۈرئەتتە، سەكرەش شەكلىدە قايتا كىرىپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىشىدىن چاڭئې 5 ـ نومۇرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم يەر شارىدىن سىرتقى ئاسمان جىسىملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇشىغىچە...

يول بويى نۇرغۇن جاپا ـ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردۇق. ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرغا قەدەر مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تېخنىكا ھالقىش دەرىجىسى ئەڭ چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرۇلۇشتا پۈتۈن سەپ بويىچە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ئىش باشلاپ، «بىرىنچى كىشى» بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، دۇنيا ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە جاسارەت بىلەن چىقتۇق.

«ئاينى تەكشۈرۈش روھى بىزنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز.» دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ كېجيەن مۇنداق بىلدۈردى: «ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت ئاينى تەكشۈرۈش روھى «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنىڭ داۋامى، دەۋر ئالاھىدىلىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئالەم قاتنىشى روھىنىڭ بىرى.

«بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاينى تەكشۈرۈش ئارزۇسى ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسى، ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىغا تىرەك بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى، جۇڭگو كۈچىنى سىجىل تەقدىم قىلىمىز» دېدى جاڭ كېجيەن.

ئىزدىنىشنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ − قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ پىلانېتىلار ئارا تەكشۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پىلانېتىلار ئارا تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى پۇختا باشلىدى.

ئاي شارىدىنمۇ يىراق «قىزىل پىلانېتا» − مارستا تيەنۋېن 1 ـ نومۇر بىلەن جۇرۇڭ ناملىق مارس ماشىنىسى مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش يېڭى ئېگىزلىكىگە ئۈزلۈكسىز بەلگە سالماقتا.

ئاسمان شاھمات تاختىسىدۇر، يۇلتۇزلار شاھمات ئۇرۇقى؛ كۈن، ئاي، يۇلتۇز ھەممىسىنىڭ باردۇر مۇھەببەت ھېكايىسى. بەزىلەر «ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدىكى ئەڭ چوڭ رومانتىكا ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتۇر» دەيدۇ. بۇ بېرىلگەن ناملاردىن كىشىلەر جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ رومانتىكىسىنى چۈشەندى −

ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا «چاڭئې» دەپ نام بېرىلدى، ئاي شارى ماشىنىسىغا «يۈتۇ» دەپ نام بېرىلدى، چاڭئې 4 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئوتتۇرا بۆلەك سۈنئىي ھەمراھىغا «چۆچياۋ» دەپ نام بېرىلدى، سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا «تيەنۋېن» دەپ نام بېرىلدى، مارس ماشىنىسىغا «جۇرۇڭ» دەپ نام بېرىلدى... ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بىر قاتار ناملار ھەم جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى، ھەم زامانىمىزدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.

«17 يىلدىن بۇيان، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى <بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەش، يۈرۈشلەشكەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش>تا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئاينى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەشنىڭ جۇڭگو سۈرئىتىنى ياراتتى.» جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋۇ يەنخۇا مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، تىرىشىپ چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىغا يۈزلىنىپ، ئالەمدە ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى دەۋردە تېخىمۇ كۆپ ئىجادىيەت، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ.

«كەلگۈسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 4 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتىنىڭ ئاساسىي تىپى بەرپا قىلىنىدۇ، بۇ ئاساسىي تىپ ئاي شارى ئوربىتىسى ۋە ئاي يۈزىدىكى نۇرغۇن تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىدىن تەركىب تاپىدۇ.» جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ ۋېيرېن مۇنداق دېدى: ئاساسىي تىپ ئاي شارى پەن ـ تېخنىكا تەتقىقاتى، بايلىقنى ئېچىش، پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى دەلىللەش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ ھەمدە خەلقئارادىكى كەسىپداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتىنى قۇرىدۇ.

ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى 3 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى خۇ خاۋ دۆلىتىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا خەلقئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، بوشلۇق ئىلمى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان، ئاي شارى بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغان، يەر شارى ـ ئاي شارى ئىقتىساد چەمبىرىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۇل ئەسلىھە ۋە ھەمبەھرىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ.

«جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئايغا چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى تامامەن مۇمكىن!» جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى 5 ـ تەتقىقات يۇرتىنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يې پېيجيەن يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: چاڭئې 5 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 4 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى ۋە سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ.

ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش − يېڭى دەۋردىكى «ئاينى تەكشۈرۈش ئارزۇسىغا ئىنتىلگۈچى»لەردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاش

سۈن جيادۇڭ، لۇەن ئېنجيې، ئوۋياڭ زىيۈەن، يې پېيجيەن قاتارلىق ئالىملار ئىرادىلىك ئادەم ياشانسىمۇ، قەلبى جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ، دېگەندەك كۆك ئاسمانغا رىشتە باغلىدى، ۋۇ ۋېيرېن، ياڭ مېڭفېي، لى دۇڭ، سۈن زېجوۋ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالەم قاتنىشى تايانچ مۇتەخەسسىسلىرى ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى، جاڭ خې، جاڭ يۈخۇا قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالەم قاتنىشى ئايال مۇتەخەسسىسلىرى ئەرلەردىن قېلىشماي، «چاڭئې»نى تەتقىق قىلىپ ياساشتا يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇردى... ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى نامايان قىلدى.

چاڭئې 1 ـ نومۇر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاي شارى ئوربىتىسىغا كىرگەندە، چاچلىرى ئاقارغان پېشقەدەم ئاكادېمىكلارنىڭ ھاياجانلىق ئىلكىدە قۇچاقلىشىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغانلىقىنى كىشىلەر ئۇنتۇمايدۇ؛ چاڭئې 4 ـ نومۇر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاينىڭ ئارقا تەرىپىگە سىلىق قونغاندا، ئاكادېمىك يې پېيجيەننىڭ چاڭئې 4 ـ نومۇر تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى تۈرىنىڭ ئىجرائىيە باش نازارەتچىسى جاڭ خېنىڭ قولىنى چىڭ سىققانلىقىنى كىشىلەر ئۇنتۇمايدۇ؛ «پاڭۋۇ» چاڭجېڭ 5 ـ نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن تارتىپ ئۇدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تيەنۋېن 1 ـ نومۇر، چاڭئې 5 ـ نومۇرنى قويۇپ بېرىشكىچە بولغان جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەن ئاشۇ كېچە ـ كۈندۈزلەرنى كىشىلەر ئۇنتۇمايدۇ.

نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان رىۋايەت ـ ھېكايىلەردىكى ئېلېمېنتلار ئاي شارى يۈزىدىكى جۇغراپىيەلىك ئەمەلىي جىسىملارنىڭ ئىسمىغا ئايلانغاندا، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالەمگە ئۇچۇپ ئاينى باغاشلاش ئارزۇسىنى مەڭگۈ ئاي شارىغا ئويدى، شۇنداقلا ئارزۇغا ئىنتىلىش سەپىرىنى تارىخ سەھىپىسىگە پۈتتى.

380 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاشۇ تولۇن ئاي يېڭى دەۋردىكى «ئاينى تەكشۈرۈش ئارزۇسىغا ئىنتىلگۈچى»لەرنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىدۇر، ئارزۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە ئۇلار بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە، بارلىق خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە جۈرئەت قىلدى.

مارس، يۇپىتېر، قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېتى... ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانغاندا، ئۇلار يەنە نەزەرىنى تېخىمۇ يىراق چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىغا ئاغدۇردى. ئارزۇنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولمايدۇ، ئىزدىنىشمۇ توختاپ قالمايدۇ.

«باشقىلار قىلغاننى بىز قىلىمىز، باشقىلار قىلمىغاننىمۇ بىز قىلىمىز، باشقىلار ياخشى قىلغان بولسا بىز كەلگۈسىدە ئامال قىلىپ ئېشىپ كېتىمىز» دېدى يې پېيجيەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.