تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يېزا-كەنت يېڭى قىياپىتى| كىچىك لەڭگەر كەنتىدە پانۇس زاۋۇتى قۇرۇلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇ جيەنخۇي خەۋەر قىلىدۇ) 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى كىچىك لەڭگەر كەنتىدىكى پانۇس زاۋۇتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ گاڭ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، پانۇس سېتىۋېلىشقا كەلگەن بىر تۈركۈم  مېھمانلارنى ئۇزىتىپ تۇرۇشىغىلا، يەنە بىر تۈركۈمى كەلدى.

  «ئالتە كۈندە 10 مىڭدىن ئارتۇق پانۇس زاكاز قىلىندى، سېتىش سوممىسى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى» دېدى ليۇ گاڭ.

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى كىچىك لەڭگەر كەنتىدىكى پانۇس زاۋۇتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا خېرىدارلار پانۇس تاللىماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي فوتوسى

  كىچىك لەڭگەر كەنتىدىكى پانۇس زاۋۇتى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، كورلا شەھىرى داشىشىن كۇڭچۆ كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن كىچىك لەڭگەر كەنتى بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىپ، «ياچېيكا+كارخانا+كەنت ئاھالىسى» تىجارەت ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، 32 نەپەر كەنت ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  پانۇس زاۋۇتىنىڭ پىششىقلاش سېخىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى پانۇس جازىسى ياساۋاتاتتى، بەزىلىرى پانۇسقا رەخت قاپلاپ، بېزەك بۇيۇملىرىنى ئورنىتىۋاتاتتى. «مەن 100دىن ئارتۇق پانۇس جازىسى ياسىيالايمەن، كۈندە 100 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن» دېدى ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىسى ئوسمان ئىمىن خۇشال ھالدا.

  كەنت ئاھالىسى مەمەت روزى چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەپ يۈك توشۇيتتى، قىشتا مال مەنبەسى ئاز بولغاچقا كەنتتە پانۇس زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مەمەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ ياردەم قىلدى. «مەن ئىلگىرى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان، دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەم ياخشى، كەنت ئۈچۈن ئازراق تۆھپە قوشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال» دېدى مەمەت.

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى كىچىك لەڭگەر كەنتىدىكى پانۇس زاۋۇتىنىڭ پىششىقلاش سېخىدا كەنت ئاھالىلىرى پانۇس جازىسى ياسىماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي فوتوسى

  «باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، پانۇسقا بولغان ئېھتىياج ناھايىتى چوڭ، كەنت ئاھالىلىرى بىر تەرەپتىن ياسىسا، تېخنىك خادىملار بىر تەرەپتىن نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى» كورلا شەھىرى داشىشىن كۇڭچۆ كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جېڭ شۇخۇا مۇنداق دېدى: زاكازنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شۇ جاينى 100دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

  كىچىك لەڭگەر كەنتىدىكى پانۇس زاۋۇتى يەنە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن زاكازلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىتاب پانۇسى، قوي تېرىسى پانۇسى، ئوردا پانۇسى قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەھسۇلات بار.

  «بىز ھازىر بىر كارخانا بىلەن ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتىمىز، يەنە كۆيدۈرۈپ گۈل بېسىش ئۈسكۈنىسىدىن بىر يۈرۈشنى ئورنىتىپ، كېيىنكى قەدەمدە ئوخشىمىغان تۈردىكى پانۇس مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پانۇس بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، پانۇس زاۋۇتىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى جېڭ شۇخۇا.

  «پانۇس زاۋۇتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقلا كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلاندى.» كورلا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ بو مۇنداق دېدى: كەنت يەنە پانۇس مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەشنى پىلانلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

  پانۇس زاۋۇتىدىن چىققاندا، كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىكلەنگەن يېپيېڭى پانۇس خادىلىرىغا ئىشچىلار توك سىمى تارتىپ پانۇس ئېسىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئىككىنچى كۈنى كىچىك لەڭگەر كەنتىدە قاتار-قاتار قىپقىزىل چوڭ پانۇسلار يورۇدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى