تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېزا ئائىلە ئايالىنىڭ قانداق قىلىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا دارېنىغا ئايلانغانلىقىغا نەزەر سېلىڭ

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ ۋېيليەن

   2021-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى سوخۇ يېزىسىنىڭ بوستان كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى روزىخان مەمەت ئادەتتىكىگە ئوخشاش كومپيۇتېرى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، خېرىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

   «بۈگۈن سودا تازا ياخشى ئەمەس، ئاران ئىككى زاكاز قوبۇل قىلدىم، 1000 يۈەندىن كۆپرەك مال ساتتىم. ئالدىنقى بىر مەزگىلدىكى «قوش 11»، «قوش 12» پائالىيىتىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30دىن ئارتۇق زاكاز بار ئىدى»، دېدى روزىخان خۇشال ھالدا. 

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، روزىخان مەمەت (ئوڭدا) ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ ۋېيليەن فوتوسى

   بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن روزىخان ئەسلىدە ھەقىقىي يېزا ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئادەتتە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئاساسلىقى ئېرىنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ھەيدەپ خېرىدار توشۇپ پۇل تېپىشىدىن كېلەتتى.

   ئېرىنىڭ ھەر كۈنى مۇشۇنداق جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، روزىخان ئۆزى پۇل تېپىپ ئائىلىگە ئىشلىتىش ئويىغا كەلدى.

   2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ناھىيەدە ھەقسىز ئېلېكتىرونلۇق سودا تەربىيەلەش كۇرسى تەشكىللىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان روزىخان سىناپ بېقىش نىيىتىدە كۇرسقا قاتناشتى.

    «مەن ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيتتىم، تاۋباۋدا دۇكان ئېچىش، توردا ھېسابات نومۇرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىمۇ بىلمەيتتىم، كۇرس ئوقۇتقۇچىسى ناھايىتى ئەستايىدىل ئۆگەتتى، يەنە ماڭا بىر گىرىم بۇيۇملىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنى تونۇشتۇرۇپ، كەسپىي گىرىم بۇيۇملىرى سېتىش بىلىملىرىنى ئۆگەتتى» دېدى روزىخان.

   يېرىم يىلدىن كۆپرەك تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، روزىخاننىڭ كەسپىي ئىقتىدارى گىرىم بۇيۇملىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، سېتىش سودىگىرى سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، 2020-يىلى 7-ئايدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، ئۇ تور دۇكىنىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىۋالدى.

   «ھازىر ھەر ئايلىق كىرىمىم 7000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، سودا ياخشى بولغاندا 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.» روزىخاننىڭ دېيىشىچە، 2021-يىلى 12-ئايدا، گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتى ئۇنى خاڭجوۋ شەھىرىگە بېرىپ كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان، شىركەت يەنە ئۇنىڭغا 5000 يۈەن مۇكاپات پۇلى بەرگەن.

    بۈگۈنكى كۈندە، روزىخان مول بولغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىملىرى ۋە سېتىش تەجرىبىلىرىنى توپلىدى، ئۇ يەنە 30دىن ئارتۇق ئاچا-سىڭىلنىڭ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

   «كەنتتىكى ئاچا-سىڭىللارنىڭ كۆپىنچىسى بازارغا بېرىپ، يايما ئاچاتتى، مەن ئاچا-سىڭىللارغا تور ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنى ئوراپ قاچىلاپ سېتىشنى ئۆگىتىمەن» دېدى روزىخان.

   ھۆرىگۈل ئىمىن ئىزچىل تەرەپ-تەرەپتىكى بازارلارغا قاتراپ، يايما ئېچىپ ئۇششاق تىجارەت قىلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 1000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلاتتى. «روزىخان ئاچام دائىم ماڭا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش توغرىسىدىكى بىلىملەر ۋە تەجرىبىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن سېتىش پىكىر يولۇمنى تەدرىجىي ئۆزگەرتتىم، ھازىر ھەر ئايلىق كىرىمىم 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى ھۆرىگۈل خۇشال ھالدا.

   روزىخان مۇنداق دېدى: بىر ئادەم بېيىسا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، مەنمۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بۈگۈنكى نەتىجىگە ئېرىشكەن. مەنمۇ ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ، ئەتراپىمدىكى ئاچا-سىڭىللارنىڭ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تېپىشىغا ياردەم بېرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.