تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەننىڭ چىلانچىلىق كەسپى سۈپەت، باھادا قوش ئۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى

سان تىپىدىن سۈپەت تىپىغا ئۆزگىرىش

بىڭتۇەننىڭ چىلانچىلىق كەسپى سۈپەت، باھادا قوش ئۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى

    بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لەن لىڭلىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، 2-شى 38-تۇەننىڭ چىلانلىرى ناھايىتى ياخشى سېتىلدى، ھەر كىلوگىرامىنىڭ بازار باھاسى سەككىز يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى باھادىن يۇقىرى بولدى. خېبېي ئۆلكىسىدىن كەلگەن سودىگەر جاڭ يۈەنيۈەننىڭ 38-تۇەندىن چىلان سېتىۋېلىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2021-يىلى چىلاننىڭ سۈپىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولغان. ھازىرغا قەدەر، بۇ تۇەندىكى چىلان ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %80ى سېتىلىپ بولغان.

    ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەر بەس-بەستە 1-شى ئارال شەھىرى، 2-شى تيېمېنگۇەن شەھىرى، 3-شى تۇمشۇق شەھىرى، 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى قاتارلىق بىڭتۇەندىكى چىلان ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلارغا كېلىپ، چىلان سېتىۋېلىش ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى چىلانچىلىق كەسپى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ قارىشىچە، 2021-يىلى بازارنىڭ جانلىنىشى چىلان سۈپىتىنىڭ ئۆسكەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ چىلان ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %49ىنى ئىگىلىگەن، بىڭتۇەننىڭ چىلان ھوسۇلى بولسا شىنجاڭنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، چىلانچىلىق كەسپى يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىكىدىكى تۈۋرۈك كەسپ بولۇپ كەلگەن. 2021-يىلى، بىڭتۇەن ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشنى، سۈپەتلىك ماركىلاشقان يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چىلان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى سان تىپىدىن سۈپەت تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، سۈپەت، ئۈنۈمدە قوش ئۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    بىڭتۇەن مەۋقەنى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلەپ، يېشىل، ئىلغار بولغان چىلان دەرىخى ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئۆستۈرۈش، سۇ، ئوغۇتتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، چىلان ئىشلەپچىقىرىشىدا سانغا ئەھمىيەت بېرىشتىن سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشكىچە بولغان تۈپتىن ئ‍ۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

    چىلاننى ياخشى ئۆستۈرۈپ، بازارنى جانلاندۇرۇش. 2021-يىلى، 1-شى ئارال شەھىرىنىڭ چىلان دەرىخى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 700 مىڭ موغا يەتتى، شى، شەھەر تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ، بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، «يېشىل، بىخەتەر، ئورگانىك، ئېكولوگىيەلىك بولۇش» ئۆلچەم قىلىنغان يېشىل، ئورگانىك مېۋە بازىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىلاندىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەل يېتەكچى كەسىپنى كۈچەيتىپ، چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بازارلارغا ساتتى.

    «بۇلتۇرقى چىلانلارنىڭ دانىسى چوڭ، رەڭگى قېنىق، قەنت تەركىبى يۇقىرى، سېتىشتىن ئازراقمۇ غەم قىلمىدۇق.» 1-شى 13-تۇەن 17-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى زېڭ چىبىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 60 نەچچە توننا چىلىنىنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولغان بولۇپ، 200 نەچچە مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغان. 2021-يىلى، بۇ تۇەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەپ، بازا قۇرۇلۇشى، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سىرتقا سېتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىن قول سېلىپ، چىلانچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

    سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، «بىڭتۇەنخۇڭ» سۈپەتلىك ماركىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭ يېخېيۈەن مېۋىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تۆت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تولۇق يۈكلۈك ئايلىنىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 180 توننا چىلان پىششىقلىيالايدىغان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئايدا بۇ يىغىش پەسلىدىكى پىششىقلاش ۋەزىپىسىنى تاماملاش مۆلچەرلەندى. سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇيۇش، قۇرۇتۇش، ئايرىش، ئوراش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق، «بىڭتۇەنخۇڭ» يۈرۈشلۈك چىلان مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.