تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاتچىلىق كەسپى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئىشچىلار غۇلجا شەھىرىنىڭ نەنئەن يېڭى رايونىغا جايلاشقان يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا سۈرلەنگەن قېزىلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئىشچىلار يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدا ئاتلارغا يەم - خەشەك بەرمەكتە.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي خەۋىرى ۋە فوتوسى

12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ نەنئەن يېڭى رايونىغا جايلاشقان يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، تەرتىپلىك ھالدا سۈرلەنگەن قېزا، سۈرلەنگەن ئات گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى تەييارلاۋاتاتتى.

يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتى ئون يىلدىن ئارتۇق باقمىچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە ئات فېرمىسىدىن تىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان، 2017 - يىلى 8 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى. بۇ زاۋۇت باقمىچىلىق، سويۇش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئات گۆشى پىششىقلاش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك كارخانا بولۇپ، ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن سۈرلەنگەن ئات گۆشى، سۈرلەنگەن قېزا، قوۋۇرغا قېزىسى قاتارلىقلار بار، سېتىش بازىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان.

كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتى شۇ جايدىكى 32 ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

غۇلجا شەھىرى بايانداي بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق خىزمەتچى تۇراخۇن مۇنداق دېدى: «شىركەت تاماق، ياتاقنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يەنە قاتناش ھەققىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، مېنىڭ ئايلىق ساپ كىرىمىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئىلگىرى قىشتا ئاساسەن ئۆيدە بىكار ئولتۇراتتىم، ھازىر ئوخشىمايدۇ، قىشتىمۇ مۇقىم كىرىمىم بار بولدى».

يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، پىششىقلاش، مۇلازىمەت، مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىلىنى پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق رايون، ئۈلگىلىك رايون ۋە يېتەكچى رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.