11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى دۆۋەت كەنتىدىكى لۈنۇڭ باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ياسىن مەتتۇرسۇن (ئوڭدا) ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن كالا بېقىش تېخنىكىسى توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە.
ياسىن مەتتۇرسۇن (ئوڭدا) خىزمەتچى بىلەن بىللە سۈت توشۇماقتا.
ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى يەم - خەشەك يۆتكىمەكتە. بۇ گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات تارتقان
□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى دۆۋەت كەنتىگە جايلاشقان لۈنۇڭ باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، سول تەرەپكە يەم - خەشەكلەرنىڭ رەتلىك دۆۋىلەنگەنلىكى، ئوڭ تەرەپتىكى كالا قوتىنىدا 20گە يېقىن كالىنىڭ يەم - خەشەك يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ياسىن مەتتۇرسۇن قوتاننى ئەمدىلا تازىلاپ بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلىۋاتقان كالىلارغا يەم ۋە سۇ بېرىۋاتاتتى.
«ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئىككى كۈن بۇرۇن 30 تۇياق كالىنى سېتىۋەتتى، ھازىر مۇشۇ كالىلار ۋە 50 نەچچە تۇياق قوي قالدى» دېدى ياسىن.
ئۈچ يىل ئىلگىرى، ياسىن بۇ كەنتتىكى ئالتە ئاھالە بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى گۆش كالىسى، گۆش قويى بورداپ بېقىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كالا، قوي قىغىنى ئورگانىك ئوغۇت قىلىپ پىششىقلاپ ئېتىزغا قايتۇرۇپ، پاكىز باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان.
ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، باقمىچىلىق تەجرىبىسى بولمىغاچقا، ياسىن شۇ جايدىكى مال دوختۇرى ۋە كەسپىي باقمىچى ئائىلىلەردىن تەلىم ئېلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، مول باقمىچىلىق تەجرىبىسى توپلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياسىن يەنە باقمىچىلىقنى ئۆگەنگىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە تەجرىبە ئۆگىتىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن. «يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، بىز بۇ يىللىق پايدا تەقسىملەش مەبلىغىنى تارقىتىمىز، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەربىر ئادەمگە 5000 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە توغرا كېلىشى مۇمكىن» دېدى ياسىن.
«كېيىنكى قەدەمدە، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، تىرىشىپ گۈزەل مۇھىت يارىتىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى ياسىن قوتاندىكى يەم - خەشەك يەۋاتقان گۆش كالىلىرىغا قاراپ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.