تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر تال شىنجاڭ پاختىسىنىڭ كەسىپ زەنجىرى سەپىرى

4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، تېرىش ماشىنىسى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى بوستان كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە كېۋەز تېرىماقتا. □ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ تارىم يېزىسى يىكەنكۆل مەھەللىسىدىكى پاختىكار كېۋەزلىكتە تېزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق دورا چاچماقتا. □يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى توڭچىكە كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغىماقتا. □لى فېي فوتوسى

11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، خىزمەتچىلەر شىخو شەھىرى جۇڭشېڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بېسىملىق يىپ ئېگىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. □گاۋ بو فوتوسى

10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى باغچە رايونىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، مودېل پاختا رەخىتتىن تىكىلگەن كىيىمنى كىيىپ، كېۋەزلىكتە نومۇر كۆرسەتمەكتە. □خې لۇڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

مەن بىر تال شىنجاڭ پاختىسى.

كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ شىنجاڭدىكى تېرىقچىلىق تارىخىمنى خەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. مەن شۇنداق ئاددىي ھەم شۇنداق ئالاھىدە. شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق شارائىتى مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ. 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە پاختا ھوسۇلى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 45 مىليون 422 مىڭ مو بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 37 مىليون 591 مىڭ مو؛ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پاختا ھوسۇلى 5 مىليون 731 مىڭ توننا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى 5 مىليون 129 مىڭ توننا.

مېنىڭ يۇمشاق بەدىنىمدە، مول ھوسۇلۇمدا، 2021 - يىلى مۇقەررەركى مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ!

بۇ بىر يىلدا، مەن پارلاق پەيتنى كۈتۈۋالدىم؛ قىممىتىم تېخىمۇ ئاشتى، قىياپىتىم تېخىمۇ گۈزەللەشتى. باھا ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى يولغا قويۇلغاچقا، بازار ئەھۋالى ياخشى بولغاچقا، پاختىكارلارنىڭ كېۋەز تېرىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولغاچقا، مەن داۋاملىق يول بويى زەپەر مارىشىنى ياڭراتتىم. مەملىكەت بويىچە پاختىنىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 126.2 كىلوگىرام بولدى، شىنجاڭدا ئەتىياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا ئىزچىل تۆۋەن، ياز پەسلىدە قىسمەن قۇرغاقچىلىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن 136.4 كىلوگىراملىق مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى يەنىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. پاختىكارلار مېنى «بېيىش گۈلى»، «بەخت گۈلى» دەپ ماختاشتى.

بۇ بىر يىلدا، ئەتىياز، ياز، كۈز، قىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن ساھەدە ئىز قالدۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىم ئارقىلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى قىياپەت بىلەن شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈردۇم.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خەرىتىسى: قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش

شىنجاڭنىڭ باھار دەرۋازىسىنى ئېچىشتا، مەن بولمىسام بولمايدۇ.

تىيانشان تېغىنىڭ تاغ ئالدى بەلبېغىدىكى قار - مۇزلار ئېرىشكە باشلىغاندا، مەن شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن زىرائەت سورتى رايونلىرىدىكى تەجرىبە پونكىتلىرىنىڭ مايسىزارلىقىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ بولىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئەلا سورت + ياخشى ئۇسۇل، ياخشى كېۋەز تېرىش» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، مايسا يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى يېڭى سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى.

بىر سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە ئون يىل ۋاقىت كەتسە، بازار ئۆزگەرگەن دەقىقە ۋاقىتتا بىر سورت بازاردىن چېكىنىدۇ. مېنىڭ «ئۆزەك»ىم مانا مۇشۇنداق كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى، كېۋەز سورتى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەز سورتىنىڭ سانى بۇلتۇرقى 64تىن 45كە ئازايتىلدى.

مېنى چۆرىدەپ «ئېلىش ئۇسۇلى» قوللىنىلغانلاردىن يەنە كېۋەز تېرىشقا قىسمەن باب كېلىدىغان رايونلاردىن چېكىنىش، ئۇرۇق، سۇ ۋە ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىشمۇ بار. شىنجاڭ ھەتتا مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان ئاقسۇ ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، 2019 - يىلى 420 مىڭ مو كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتتى، بۇ يىل يەنە ئازايتتى؛ ھەر مو يەرگە ئىشلىتىدىغان ئۇرۇق مىقدارىنى بەش يىل ئىلگىرىكى تۆت كىلوگىرامدىن ھازىرقى ئىككى كىلوگىرامغا يەتمەيدىغان مىقدارغا ئازايتىپ، بىر تۆشۈككە بىر تال ئۇرۇق سېلىپ، مايسا تاقلاش دەۋرى بىلەن خوشلاشتى؛ سۇ ۋە خىمىيەۋى ئوغۇتقا كەلسەك، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يېرىمىنى تېجەپ قالدى.

دەرۋەقە، تەننەرخنى دەل جايىدا تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەرگىزمۇ بىر دەمدىلا قولغا كەلگەن ئەمەس. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى سالمىقى زورايتىلىپ، «ياماق» ئېتىزلار چوڭ سالا ئېتىزلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، چوڭ تىپتىكى ماشىنا بىلەن مەشغۇلات قىلىش، بىرتۇتاش تېرىش، پەرۋىش قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىلدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەن ئىزچىل شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئارزۇلۇق ئوغلى» بولۇپ كەلدىم، تېرىقچىلىقتىن تارتىپ پەرۋىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىردى، بۇمۇ مېنىڭ مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشۇمدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۈگۈنكى كۈندە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى گىرەلىشىپ، مېنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇردى: بۇ يىل 4 - ئايدا، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان شوپۇرسىز تىراكتورلار كۆپ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان تېرىش ماشىنىلىرىنى سۆرەپ، كەڭ تۇپراقتا قاتار كەتكەن كۈمۈش رەڭلىك «يوللۇق سىزىق»نى «توقۇپ»، ۋەتەن زېمىنىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خەرىتىسىنى شەكىللەندۈردى.

مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خەرىتىسىنى سىزىپ، مېنىڭ ئارزۇيۇمنى، شىنجاڭدىكى پاختىكارلارنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە يۈكلىدى.

يازلىق ئېتىز پەرۋىشى سىمفونىيەسى: پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش

ياز پەسلىدە بارلىق مەۋجۇدات يېتىلىپ ۋايىغا يېتىدۇ. شىنجاڭدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 16 سائەتكە يېتىدۇ، يوپۇرماق چىقىرىش، غول تارتىش، چېچەكلەپ غوزىلاشقىچە بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىم تومۇز ياز كۈنلىرىدە تاماملىنىدۇ.

قەدىمكىلەردە، كىيىمنىڭ ھەربىر تال يىپىنىڭمۇ ئىنتايىن جاپادا ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك، دېگەن گەپ بار. شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، مەن پاختىكارلارنىڭ كېۋەز تېرىشتىكى جاپا - مۇشەققىتىگە گۇۋاھ بولدۇم. سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، دورا چېچىش، ئۇچىنى ئۈزۈش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئىلگىرى ئون نەچچە مو يەرگە كېۋەز تېرىيدىغان ئائىلىلەرنى ھالسىرىتىپ قوياتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پاختىكارلار كېۋەز تېرىغاندا، سۇغارغاندا گۈرجەك ئىشلەتمەيدىغان، ئوت ئوتاشتا ئوتىغۇچ ئىشلەتمەيدىغان، دورا چاچقاندا نىقاب تاقىمايدىغان، پاختا تەرگەندە بېلىنى ئەگمەيدىغان بولدى، پەن - تېخنىكىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئېتىز پەرۋىشى ئارقىلىق، بىر ئادەم 200 مو كېۋەزلىكنى پەرۋىش قىلالايدىغان بولدى.

5 - ئايدىن 7 - ئايغىچە كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتى بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، پاختىكارلار ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدىن خۇددى سىم - سىم يامغۇر ياغقاندەك دېھقانچىلىق دورىسى چاچىدۇ؛ 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە مەن سۇ ئىچىش ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا توغرا كەلگەندە، پاختىكارلار تۇپراقنى ئۆلچەش رېتسېپى ۋە ئۆسۈش ۋاقتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سۇغىرىش سىستېمىسىنىڭ باش قىسمىغا مۇۋاپىق مىقداردا ئوغۇت سېلىپ قويۇپ، بىر تەرەپتىن يان تېلېفون ئوينىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن سۇ بىلەن ئوغۇتنىڭ تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىنى بويلاپ ھەربىر تۈپ كېۋەزگە يەتكۈزۈلۈشىنى تىنچ ھالەتتە كۈتىدۇ.

ئەلۋەتتە، ھاۋا توساتتىن ئۆزگىرىپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارمۇ يۈزبېرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسلىدە پاختىكارلار ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىش ئىدى، ئەمما ھازىر ئۇلار بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى، چۈنكى كېۋەز تېرىش سۇغۇرتىسى پاختىكارلارنى زىيان تارتقۇزمايدۇ. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونغا يېقىن بەزى يېزىلىرىدا، پاختىكارلار يىل بېشىدا ھەر مو كېۋەزگە ئون نەچچە يۈەن سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغاچقا، ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەر مو يەردىن نەچچە يۈز يۈەندىن مىڭ نەچچە يۈز يۈەنگىچە تۆلەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.

بۇ يىل ھاۋارايى ئەھۋالى بەك ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 39 مىڭ 600 توننا ئېشىپ، سۈپەت، ئۈنۈمدە قوش ئېشىش ئىشقا ئاشتى. مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىش يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ۋاقتىدا تەمىنلىگەن ئېتىز پەرۋىشى تېخنىكىسى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك.

پەن - تېخنىكا ۋە سىياسەت كاپالىتىدىن باشقا، پاختىكارلارنى خۇشال قىلغىنى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش بولدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى كېۋەز تېرىغان 34 ناھىيە، شەھەردە، بۇ بىرنەچچە يىلدا پاختا ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، نۇرغۇن پاختىكار يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنى ئۈستىگە ئالماي مۇقىم كىرىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ كېۋەز تېرىپ ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققىگە ئېرىشەلەيدىغان ياكى شەھەرگە كىرىپ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولدى.

كۈزلۈك يىغىم مەنزىرىسى: ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىش

گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كۈزى ئەڭ گۈزەل.

9 - ئاينىڭ ئاخىرى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئەڭ ئاخىرقى يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسىنى پۈركۈدى، مەن كۈز كۈنلىرىدىكى قۇياش نۇرىغا تولۇق چۆمۈلدۈم. پاختىكارلار ھەممە يەرنى قاپلىغان پورەكلەپ ئېچىلغان غوزىلارنى، ئاپئاق بۇلۇتتەك پاختىلارنى كۆرۈپ، خۇشاللىقتىن ئىختىيارسىز گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. مەنمۇ پاختىكارلارنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيانقى كۆڭۈل قويۇپ قىلغان پەرۋىشىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پۈتۈن مېھرىم بىلەن مول ھوسۇل مېۋىسى سۇندۇم.

ئۈچ قۇرلۇق ياكى ئالتە قۇرلۇق ئاپتوماتىك پاختا تېرىش ماشىنىسى كېۋەزلىككە كىردى، بىز ماشىنىنىڭ سۈمۈرۈش كۈچى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، قاتار - قاتار «ئالتۇن تۇخۇم» بولۇپ رەتلىك تىزىلدۇق. بۇ چاغدا، ئاللىقاچان توردا ئالقىشلىنىپ ھەممىگە تونۇلغان مەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتتىم. 11 - ئايدا، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ پاختىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى» ناملىق چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى 213 تاراتقۇ ۋە سۇپىدا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلدى.

«چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار بەك قالتىس ئىكەن»، «تايلانغان پاختىنىڭ ئۆزى ئالتۇن تۇخۇم»، «پاختىغا تايىنىپ يىلىغا 1 مىليون يۈەن كىرىم قىلىش، بۇ ھەقىقەتەن ئەمەلىي بەخت تۇيغۇسى»... بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، مەن زور تۈركۈمدىكى «پاختا مەستانىلىرى»غا ئېرىشتىم. ھەرقايسى جايلاردىكى تورداشلار بەس - بەستە سۆز قالدۇرۇپ ئالقىشلاپ، شىنجاڭ پاختىسى ئۈچۈن مەدھىيە ياڭراتتى، نۇرغۇن تورداش پىكىر رايونىدا يەنە پاختا سودىسىنىڭ ئېپى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

ئىلگىرى، مەن توغرىسىدىكى تېمىدا ھەمىشە كەسىپ ئەھلىلىرىلا مۇلاھىزە قىلاتتى. ھازىر، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى بىلەن، بارغانسېرى كۆپ كىشى مېنى چۈشەندى، پىششىق بىلدى. شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە مۇھىم پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، بارغانسېرى ئۇزىراۋاتقان پاختا كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا، ئالقىشلانماسلىققا ئامالىم قالمىدى.

كىشىلەرنىڭ مېنى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بار. مېنىڭ ھازىر ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش تەخمىنەن ئىككى ئايغا سوزۇلىدىغان پاختا تېرىش مەزگىلىم يوق، كۆلىمى چوڭ «پاختا تەرگۈچىلەر زور قوشۇنى» شامالدا قالىدىغان، ئاپتاپتا كۆيىدىغان، بېلى مۈكچىيىپ ئاغرىيدىغان ئازابلار ئەمدى يوق. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا، پاختىكارلار مېنى ناھايىتى تېزلا يىغىۋېلىپ، پاختا زاۋۇتىغا ئاپاردى، ئاندىن بانكا كارتىسىنى ئېلىپ بېرىپ ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ، پۇل ئالدى، كىرىمنىڭ ھەقىقىي ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، مەندە بىر خىل ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولدى.

قىشتىكى ساقلاش خۇشاللىقى: پۈتۈن زەنجىرنىڭ قىممىتى ئېشىش

يىراق تاغلار ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغاندا، ئېتىزدا مېنىڭ سىيمايىم قالمايدۇ. قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، مەن ئېھتىيات بىلەن ساقلىنىمەن.

ئالدىنقى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، قىشتىكى بوش ۋاقىتلاردا مەن بىكار قالمىدىم، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدىن باشلاپ مېنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان بىر قاتار پائالىيەتلەردىن بۇنى ئالدىن بىلگىلى بولىدۇ. بۇ يىل 10 - ئايدا، سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى باغچە رايونىغا جايلاشقان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، دۆلەت پاختا كەسپى ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى سۈپەتلىك پاختىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

قىش كىرگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا زاپاس ساقلاش ئامبىرى − ئاپتونوم رايونلۇق پاختا - چىگە شىركىتى مارالبېشى پاختا - چىگە پونكىتىغا قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نۇرغۇن پاختا زاۋۇتى ساپ پاختا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن كېلىدۇ، كۈنىگە يەتكۈزۈلىدىغان ساپ پاختا 200 ماشىنا ئەتراپىغا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسى پاختا سودا سۇپىسى ئارقىلىق مال زاكاز قىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان جاي، پىششىقلاپ ئىشلىگەن كارخانا، سۈپەت كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېنىق كۆرسىتىلگەن تاي - تاي ساپ پاختا يۈك ماشىنىسى ياكى پويىز ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. نۇرغۇن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە، توقۇمىچىلىق باش تېما ياكى رايون بۆلىكى قىلىنغان كەسىپلەر باغچىسىدا، يىلىغا نەچچە يۈز مىڭ ئۇرچۇق يىپ ئېگىرىش، نەچچە مىليون مېتىر رەخت توقۇش، 10 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق كىيىم - كېچەك تىكىش، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى.

توقۇمىچىلىق ھەم پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپ، شۇنداقلا پۇقرالارغا بەخت يارىتىدىغان خەلقنى بېيىتىش كەسپى. بىر تال ئۇرۇق بىر تۈپ كېۋەزگە ئايلاندى، لېكىن مېنىڭ بۇرچۇم تېخى تاماملانمىدى، مەن يەنە بىر تال يىپتىن بىر توپ رەختكە، بىر توپ رەختتىن بىر قۇر كىيىمگە ئايلىنىشىم كېرەك.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى بارغانسېرى كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ھەمتۈرتكە بولىدىغان، كارخانا باش ئىشتابى بىلەن كەنت قۇرغان زاۋۇتلار بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ياخشى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

ماشىنىلار گۈركىرەپ تۇرغان زامانىۋى زاۋۇت ئۆيلىرىدە، مەندە كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش بولۇپ، رەڭدارلىققا يۈزلىنىۋاتىمەن؛ ماڭا ھەمراھ بولغان كەسىپ ئىشچىسىنىڭ تەقدىرىدىمۇ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش بولۇپ، كىشىلىك ھاياتى ئوخشاشلا رەڭدارلىققا تولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.