تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز»

شىنجاڭ «ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنى ئاچتى​

«بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئامېرىكا پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋالدى. 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ 13 - مەيدان «ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ شەرمەندە قىلمىشىغا رەددىيە بەردى.

ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاش قىلمىشىغا قارىتا شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدىن كەلگەن سەككىز ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىلى چەكسىز غەزەپلەندى. سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىك بەس - بەستە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نىڭ ئىمزالىنىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھېسسىياتىغا ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزدى.» شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى شۆبە شىركىتى رېنئەن تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان توقۇلما بۇيۇملار زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى تۇرسۇنئاي مەمەت ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئىلگىرى ئۇنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق بولۇپ، پارچە - پۇرات ئىشلارنى قىلىپ پۇل تاپاتتى. 2019 - يىلى، تۇرسۇنئاي شىركەتكە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىندى ھەم ئەمگەك توختامى ئىمزالىدى. خىزمەت جەريانىدا، شىركەت ئۇستاملارنى يېڭىدىن كەلگەن خىزمەتچىلەرگە تېخنىكا ئۆگىتىشكە، تەجرىبە يەتكۈزۈشكە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى. تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، تۇرسۇنئاي تەدرىجىي ھالدا تايانچقا ئايلىنىپ، ئايلىق مائاشى 5500 يۈەنگە ئۆستى. «ئاسماندىن گۆشنان چۈشمەيدۇ، ياخشى كۈنلەرنى بىر جۈپ قولىمىزغا تايىنىپ يارىتىشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.

قەشقەر جىنچېڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئارزۇگۈل زۇنۇننىڭ ئىلگىرى خىزمىتى يوق، ئائىلە كىرىمىدە پۈتۈنلەي ئېرىگە قاراشلىق بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. قوشنىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ ھازىرقى شىركەتكە بېرىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىندى، ئەمگەك توختامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئارزۇگۈلنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 3800 يۈەن بولۇپ، كارخانا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، تۇغۇت قاتارلىق سۇغۇرتىلارنى تاپشۇرۇپ بەردى. ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلىدار بولغاندا، سېخ مۇدىرى ئارزۇگۈلنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى تېخىمۇ يېنىك ئىش ئورنىغا يۆتكىدى. تۇغۇت دەم ئېلىشى مەزگىلىدە، رەھبەرلەر ۋە خىزمەتداشلىرى سوۋغات ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ كەلدى، بۇ ئۇنىڭغا ئائىلىدەك ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.

شىنجاڭ يۈشىنيۈەن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى نۇرگۈل ساۋۇت يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزىسى قۇدۇق كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇستىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نۇرگۈل تېز ئۆسۈپ يېتىلدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇمۇ ئۇستام بولدى، ئايلىق مائاشىمۇ 5500 يۈەنگە ئۆستى. «كېسەللىك رۇخسىتى سورىغاندا ئىشدېشىم چېن يۇڭپىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنىڭ ئورنۇمدا ئىشلەپ بەردى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈۋاتىمىز.» نۇرگۈل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر بىزنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىمىزنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك قىلمىشلىرىغا كىشىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ.

«بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.» شىنجاڭ شىنخۇڭرۇن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئىشلەۋاتقان شىركەتتە خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى قاتارلىق ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بار، كۆپچىلىك باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

شىنجاڭ جۇڭتەي خەيخۇڭ توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى مېھرىگۈل ھۈسەن مۇنداق بىلدۈردى: ياخشى كۈنلىرىمىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن، مەيلى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ قانداق قارا چاپلىشى، بوھتان چاپلىشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ بىر جۈپ قولىمىزغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىرادىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»دىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىدى، ئۇنىڭ رەزىل سۇيىقەستى مەڭگۈ ئىشقا ئاشمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.