يۈنتەيشەن تېغى كۈمۈش لىباس كىيىپ، تېخىمۇ جەزبىدار تۈسكە كىردى. ۋۇ پېيمېڭ فوتوسى
خەلق تورى، جېڭجوۋ، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى: (جاڭ يىلى) قىش پەسلىدىكى يۈنتەيشەن تېغى تېخىمۇ جەزبىدار. يېقىندا، خېنەننىڭ يۈنتەيشەن تېغى مەنزىرە رايونى قارنى كۈتۈۋېلىپ، كۈمۈش لىباس كىيدى. بىر كېچىدىلا، يۈنتەيشەن تېغى جىمجىتقىنا «كىيىم ئالماشتۇرۇپ»، گۈزەللىكتە بەئەينى غايىۋى دۇنياغا ئوخشاپ قالدى. ئاپئاق قار گۈللىرى ئۇچۇپ، تاغ چوققىسى، جىلغىلارغا چۈشۈپ، قىش پەسلىدىكى يۈنتەيشەن تېغىنى خۇددى بىر پارچە نەپىس سىياھ رەسىمگە ئوخشىتىپ قويدى. چۈەنپۇ جىلغىسىدا، كۆركەم تۈسكە كىرگەن دەرەخ شاخلىرى مۇز شارقىراتمىغا ئوخشاش پۈتكۈل جىلغىغا سوزۇلۇپ، قاتمۇقات، تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈندى؛ چەكسىز كەتكەن ئېگىز چوققىلار ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، تاغلار ئۇسسۇلغا چۈشكەن كۈمۈشرەڭ يىلانغا ئوخشاش، جىلغىلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كۆرۈنەتتى. قار مەنزىرىسى، مۇز شارقىراتمىسى بىرلا ۋاقىتتا قىش پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ھاياجانغا سېلىپ، بەس-بەستە بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلب قىلدى.
ساياھەتچىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. ۋۇ پېيمېڭ فوتوسى