تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن جۇڭگونىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنى باسقانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇردى

جۇڭگو پاختىچىلىق جەمئىيىتى كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن جۇڭگونىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنى باسقانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو پاختىچىلىق جەمئىيىتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن جۇڭگونىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنى باسقانلىق قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇردى.

ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قانۇن لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋالدى. «قانۇن لايىھەسى»دە شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار بىردەك ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات دەپ قىياسەن بېكىتىلگەن ھەم شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان.

جۇڭگو پاختىچىلىق جەمئىيىتى كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قىلمىش دۆلىتىمىزنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىگە داۋاملىق يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ، جۇڭگو ھەتتا پۈتۈن يەر شارىنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سودا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇردى، بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئېتىبارسىز قاراش ۋە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار ۋە كەسىپكارلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزدى.

باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاختا ھوسۇلى ئۇزۇن مۇددەت 5 مىليون توننا ئەتراپىدا بولۇپ كەلدى. ئادەم كۈچى تەننەرخىنىڭ ئېشىشى يۇقىرى بولۇشنىڭ تەسىرىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۆلەملىشىش، ماشىنىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. 2021-يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %87.9كە يەتتى.

باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۇنيا بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت، پاختا ئىمپورت قىلىدىغان ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىرىنچى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان ئۇچقاندەك تېز تەرەققىياتقا ئېرىشتى، كېۋەزلىكتىن كىيىم-كېچەكلەرگىچە، يەر شارىۋى ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىشىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق، دۇنيا خەلقىنى سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان كىيىم-كېچەكلەردىن تارتىپ ئالىي، مودا كىيىم-كېچەكلەرگىچە بولغان مول تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، نۆۋەتتە يەر شارىۋى توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى مۇھىم بىر ھالقىغا ئايلاندى.

باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو پاختا ۋە توقۇمىچىلىق ساھەسى ئەمگەكچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەر شارىۋى كىيىم-كېچەك ۋە پارچە سېتىش ماركا سودىگەرلىرىنى مۇقىم، ئىشەنچلىك تەمىنلەش زەنجىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، شۇڭا ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىشكە تېگىشلىك. جۇڭگودىكى پاختىكارلار، توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى خۇددى جۇڭگودىكى بارلىق ئاددىي ئەمگەكچىلەرگە ئوخشاش، كۆپ يىللاردىن بۇيان تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇردى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ زور كىشىلىك ھوقۇق ھەقىقىي ئەھۋالى.

باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق كەسپى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقتا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ، سىرتنىڭ بېسىشى ۋە قارا چاپلىشى كەلگۈسى جۇڭگونىڭ پاختا، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، توسۇيالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.