ئاپتوماتلاشقان نان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە يىلىغا 7 مىليوندىن ئارتۇق نان ئىشلەپچىقىرىلدى
مۇھەررىر :
ئالىم ئىمىن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2021/12/29 17:14
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، قەشقەر مەپتۇن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوماتلاشقان نان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
ئانار بۇلۇت خەۋىرى قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقان قەشقەر مەپتۇن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ نان ئىشلەپچىقىرىش سېخى 2018-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، نەچچە يىل مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، بازار يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ كۈنىگە تەخمىنەن 300 مىڭ نان ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىغا ئايلاندى، مەھسۇلاتلىرى شاڭخەي، شەندۇڭ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى. 11-ئايدىن ھازىرغىچە، بۇ شىركەت 7 مىليوندىن ئارتۇق نان مەھسۇلاتى ساتتى.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى سۈت نانلار.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، خىزمەتچىلەر نان ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا سۈت نان تەييارلىماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر :
ئايگۈل ئابدۇللا
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.