تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھەرىكەت يېتەرلىك بولمىسا پىيادە مېڭىش ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك، سىز يەنە مۇشۇنداق مېڭىۋاتامسىز؟

پىيادە مېڭىش نۇرغۇن كىشى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ھەرىكەت. ئۇنداقتا، پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا شەكلى ھەققىدە سىز قانچىلىك بىلىسىز؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

ھەرىكەت يېتەرلىك بولمىسا پىيادە مېڭىش ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك، سىز يەنە مۇشۇنداق مېڭىۋاتامسىز؟ پىيادە مېڭىش نۇرغۇن كىشى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ھەرىكەت. ئۇنداقتا، پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا شەكلى ھەققىدە سىز قانچىلىك بىلىسىز؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

«پىيادە مېڭىش» دېگەن نېمە؟

سەيلە قىلىش بىلەن يورغىلاپ مېڭىشنى سېلىشتۇرغاندا، پىيادە مېڭىش بىر خىل ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ھەرىكەت شەكلى، شۇنداقلا بىرقەدەر بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان چېنىقىش شەكلىدۇر.

قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دائىم مېڭىپ بەرگەندە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى، يەنە تېخى بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك چارچاپ كەتمەيدۇ.

قانچىلىك مېڭىش مۇۋاپىق؟

ھەر قېتىم 30 مىنۇت ئەتراپىدا مېڭىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، سەل-پەل دەم سىقىلسا، يۈرەك سوقۇشى تېزلەشسىلا كۇپايە.

پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا شەكلى

بىرىنچى، مېڭىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى ئىشلەش، بوغۇم، مۇسكۇللارنى سوزۇش، ھەرىكەتتىن زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىككىنچى، ماڭغاندا بويۇن بىلەن مۈرىنى ئەركىن قويۇپ بېرىش، باشنى كۆتۈرۈپ كۆكرەكنى كېرىش، قولنى مېڭىش سۈرئىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئالدى-كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاندىن بەلنى رۇسلاپ، بەدەننى سەل-پەل ئالدىغا ئېگىپ، تاپاننى يەرگە تەگكۈزۈپ، پۇتنىڭ ئۇچىدا يەرنى دەسسەش قىياپىتىنى ساقلاش كېرەك.

ئۈچىنچى، پىيادە مېڭىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىش، پۈتۈن بەدەننى نورمال ھالەتكە قايتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەي سوزۇش ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلەپ 2-كۈنى مۇسكۇللارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

تۆتىنچى، راھەت تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاسان قۇرۇيدىغان، تەر سۈمۈرىدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن كىيىملەرنى تاللاش، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ تولۇقلاش كېرەك. بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەمراھ بىلەن بىللە مېڭىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مەزمۇن شىنخۇا تورى، ساغلام جۇڭگو، ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتىدىن ئۇنىۋېرسال رەتلەندى

مەنبە: شىنخۇا تورى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى