تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئىلىنىڭ كېچىلىك ئىقتىسادى ئىنتايىن جانلاندى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يافېڭ

  12-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچقۇرۇن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى ئالتە شۇئار كوچىسىنىڭ ئۆزگىچە كوچا رايونىدا «كېچىلىك ئەندىزە» باشلاندى. رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇرغان، شادىيانە ئۇسسۇل قاينىغان كوچا، ماروژنى دۇكىنى، سامسىخانا، بولكا دۇكىنىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، غۇلجا شەھەر ئاھالىلىرى ئاۋات «كېچىلىك تۇرمۇش»تىن ھۇزۇرلانماقتا ئىدى.

12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر غۇلجا شەھىرى ئالتە شۇئار كوچىسىنىڭ ئۆزگىچە كوچا رايونىدا ئويۇن كۆرمەكتە.

لى يافېڭ فوتوسى

    «كەچتە قانغۇچە ئوينىغۇدەك ۋاقتىڭىز بولسىلا، ھەرگىز ئۆيدە ئولتۇرماڭ» دېدى ساياھەتچى ما رۇشىن كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە كەچتە ئالتە شۇئار كوچىسىدىكى ساياھەتچىلەر كۈندۈزدىكىدىنمۇ كۆپ ئىكەن. «بۇ يەردە يەيدىغان، ئوينايدىغاننىڭ ھەممىسى بار، يەنە نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلىمۇ بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئاۋات.»

    بۇ يىلدىن بۇيان، غۇلجا شەھىرى مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە «كېچە»نىڭ سېھرىي كۈچى ۋە رەڭدارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

    «يىپەك يولى نۇرى ساياھەت بازىرىدا 28 مەززىلىك تائاملار ئاشخانىسى بار. بۇ ئىككى كۈندە، ھەربىر ئاشخانا خېرىدارلار ئېقىم ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاشخانىنى تاقاش ۋاقتىنى كېچىكتۈردى...» دېدى غۇلجا چېڭتوۋ (گۇرۇھ) شىركىتى يىپەك يولى نۇرى ساياھەت بازىرىنىڭ تىجارەت مەسئۇلى دۇ لېي.

    «تۈنۈگۈن سېتىش سوممام 3000 يۈەندىن ئاشتى، بۈگۈن بىراقلا بىر قاتلىنىپ 7000 يۈەندىن ئاشتى.» ئالتە شۇئار كوچىسىنىڭ ئۆزگىچە كوچا رايونىدا قۇرۇق مېۋە دۇكىنى ئاچىدىغان ئاينۇر ئابلىمىتنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە پاتمىدى، «ھازىر تىجارەت ۋاقتى ئۇزىراپ، بىزمۇ كۆپرەك پۇل تاپالايدىغان بولدۇق.»

    ئىلى نان مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش سارىيىدا ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكىنى ئاچىدىغان ئەيساجان ئوسمان ئاينۇر بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا ئىدى. «دۇكىنىمدا كاۋاپ، سامسا، پولۇ قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملار بار، بۇ ئىككى كۈندە كەچتىكى سودام مۆلچەرىمدىكىدىنمۇ ياخشى بولدى، دۇكاندا يېتىشەلمەي قالغاچقا، يەنە يېڭىدىن تۆت مۇلازىمەتچى قوبۇل قىلدىم» دېدى ئەيساجان.

    بۇ يىلدىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستى تۆت پەسىلدە ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىش، كېچە-كۈندۈز بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش، پۈتۈن پەسىللىك، پۈتۈن مەزگىللىك ساياھەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەۋقەنى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ خاسلىقىغا قويۇپ، تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش، تىجارەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش، كېچىلىك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، سودىگەرلەرنى كېچىلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

    غۇلجا ناھىيەسى نان كەسىپلەر باغچىسى چىراغ نۇرى كەچلىك بازىرى چوڭ بازىرىغا كىرسىڭىز، ھەر خىل شەكىلدىكى چىراغ نۇرى ئەسەرلىرىنىڭ پۈتۈن باغچىنى بىر ئالغانلىقىنى كۆرىسىز؛ گۈلخان، مەززىلىك تائاملار نان كەسىپلەر باغچىسى چىراغ نۇرى كەچلىك بازىرى چوڭ بازىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتقانىدى.

    شېڭياڭ مەيدانى سودا كوچىسى توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ئەڭ بالدۇر تىجارەت باشلاپ، ئىشىكنى ئەڭ كېيىن تاقايدىغان ئاۋات جاي. 12-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، بۇ يەردە رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، يايما ئورنى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى.

    كۈيتۈن شەھىرى «مەززىلىك تائاملار كاتتا زىياپىتى، ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى كاتتا مەرىكىسى مەدەنىيەت ساياھىتى» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، كۈيتۈن شەھىرىنىڭ كېچىسىنى «يورۇتتى»، سودا چەمبىرىكىدە كىشىلەرنى «جەلپ قىلدى»، كېچىلىك ئىستېمالنى «جانلاندۇردى».

    «ئىلى ئوبلاستى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئوبلاست دەرىجىلىك كېچىلىك ئىقتىساد بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونلىرىغا تايىنىپ، بايراملىق ئىستېمالنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، دەم ئېلىش، ئىستىراھەت، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش، كۆڭۈل ئېچىش، ئاتا-ئانا ۋە بالىلار خۇشال جەم بولۇش قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋاقىتقا، باسقۇچقا، تۈرگە ئايرىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، كېچىلىك ئىستېمال كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە بېيىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى» دېدى ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ نيەنشىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى