تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] «Karez» قىزغىن ئىزدەپ كۆرىدىغان سۆزگە ئايلاندى، كارىزنىڭ دەيدىغان سۆزى بار

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىدا، «Karez» سۆزىنىڭ تەرجىمىسى كارىز سۆزىنى بىردىنلا يىل ئاخىرىدىكى قىزغىن ئىزدەپ كۆرىدىغان سۆزگە ئايلاندۇردى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەس-بەستە مۇنداق سۆز قالدۇردى: «كارىزنى بۇنداق شەكىلدە تونۇشنى ئويلىماپتىكەنمىز» «كارىز قەيەردە؟ 4-دەرىجە ئىمتىھانىدىكى بۇ سوئال بېشىمىزنى قاتۇردى» «كارىزغا ئائىت سوئالدىن ئىمتىھان بەرگەنلىكىمىزدىن شەرەپ ھېس قىلىمىز، پۇرسەت بولسا چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ باقىمىز»...

  ​كارىز زادى قانداق قۇدۇق؟ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر ئالاقىدار زاتلارنى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  «كارىز ھەم قۇدۇق، ھەم قۇدۇق ئەمەس». ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى غوپۇر نۇردۇن مۇنداق دېدى: كارىز كىشىلەر بىلىدىغان قۇدۇققا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ تىك قۇدۇقى سۇ تارتىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ، بەلكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ-چىقىش، يېمەكلىك، قورال-سايمان يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە كولاپ چىقىرىلغان توپىنى توشۇشىغا قولايلىق يارىتىدۇ. تىك قۇدۇقتىن باشقا، كارىز يەنە يېپىق ئۆستەڭ، سۇ چىقىش ئېغىزى، ئوچۇق ئۆستەڭ ۋە كۆل(سۇ ساقلاش كۆلچىكى) قاتارلىق بىرقانچە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۇ يىغىش، سۇ يەتكۈزۈش، سۇ ساقلاش قاتارلىق رولى بار.

  «كارىز دۇجياڭيەن توسمىسى بىلەن تەڭ نام چىقارغان بولۇپ، <يەر ئاستى قانىلى> دېگەن نامى بار، سەددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ-خاڭجوۋ چوڭ قانىلى بىلەن بىللە جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشى، دەپ ئاتىلىدۇ» دېدى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى لى گاڭ. كارىز گورىزونتال تونېلدىن پايدىلىنىپ يەر ئاستىدىكى يوشۇرۇن ئېقىنلارنى باشلاپ، ئۇنى يەر يۈزىگە چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ رايونلارنىڭ قۇرغاقچىلىق، سۇ كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان، نۇرغۇن كارىز ھازىرغىچە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇ يىل، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئىلتىماس قىلىپ، كارىزدىن 13نى رېمونت قىلىپ، قوغداپ، كارىزنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىدىكى لاي-لاتقىلارنى تازىلاش ھەم يوشۇرۇن ئۆستەڭ، تىك قۇدۇق، ئوچۇق ئۆستەڭنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىپ، بۇ «تىرىك ھالەت»تىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ياخشى قوغداشقا تىرىشتى. ئالاقىدار ئىستاتىستېكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە سۇ بار كارىزدىن 614ى بولۇپ، تۇرپان شەھىرىدە 404ى بار ئىكەن.

  تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كەسىپ پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى گو شۇشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كارىز تۇرپان ساياھەتچىلىكىدىكى چوقۇم ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ساياھەتچىلەر كارىزغا مۇناسىۋەتلىك مەنزىرە رايونلىرىدا كارىزنىڭ ياسىلىش جەريانى، ئىشلىتىلگەن ئەسۋاب-ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى كۆرۈپ، كارىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ياسالغانلىقىنى، كارىزنىڭ ھەرقايسى تەركىبىي قىسمى ۋە ئۇلارنىڭ رولى قاتارلىقلارنى چۈشىنەلەيدۇ». تۇرپان شەھىرىدە تۆت كارىز مەنزىرە رايونى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كارىز باغچىسى بىلەن كارىز ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كارىز مەنبەسى · يارغول ئۆتىڭى بىلەن كارىزغا ۋارىسلىق قىلىش رايونى.

  «ھەر يىلى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە، كارىزنى كېچىدە ساياھەت قىلىش تۈرىنى يولغا قويىمىز، ساياھەتچىلەر كەچ سائەت 11گىچە ساياھەت قىلالايدۇ. كارىزنىڭ چىراغ نۇرى ئاستىدىكى كېچىلىك مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلىش بىلەن كارىزنىڭ كۈندۈزدە بېرىدىغان تەسىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ». كارىز ئۆرپ-ئادەت باغچىسىنىڭ مەسئۇلى لۇ جۈن مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىمىزنىڭ كۆرگەزمە ۋاسىتىسى بارغانسېرى كۆپ خىللاشتى، سۈرەت، يېزىق، ئەمەلىي بۇيۇملاردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللاندۇق، مەسىلەن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارتون فىلىمى قاتارلىقلار.

  «پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تۇرپانغا كېلىپ، كارىزنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز». تۇرپان تۇڭيى ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى فېڭ مۇنداق دېدى: باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىگە ئاساسەن ئىشىك بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يىللىقلىرى كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە قىلسا، مەكتەپنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن بېلەت كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  «نۆۋەتتە تۇرپان شەھىرى بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ پەرقلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىپ، كارىزدىن ئىبارەت <ئالتۇن ۋىۋىسكا>نى تېخىمۇ جۇلالاندۇرماقتا. بۇنىڭدىن كېيىن كارىز باش تېمىسىدىكى خاس مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى پىلانلاپ ئېچىپ، ھېس قىلىش شەكلىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەت تۈرىنى يولغا قويىمىز» دېدى گو شۇشېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى