تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​بىزنىڭ شېرىن تۇرمۇشىمىزغا بوھتان چاپلاشقا، تۆھمەت قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتونوم رايون «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا رەددىيە بېرىش مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى​

بىزنىڭ شېرىن تۇرمۇشىمىزغا بوھتان چاپلاشقا، تۆھمەت قىلىشقا بولمايدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا رەددىيە بېرىش مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېچىلدى، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ھەر مىللەت ئامما ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك پاكىتنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەن يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى ۋە بىمەنە سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

شىنجاڭدا «ئەمگەكچىلەرنىڭ نېنى ئەڭ مەززىلىك» دېگەن ماقال بار. شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ئەمەتجان ئابدۇخالىق مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئامما ئەمگەك ئارقىلىق ھەققە ئېرىشىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى، بۇنى قانداقمۇ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگىلى بولسۇن؟ ئەكسىچە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر قايتا ياخشى ئويلىنىپ بېقىشى، قانداق قىلىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن تەنزىسىنى ئوبدان يىغىشتۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك.

كېرىيە ناھىيەسى ئارىش يېزىسى ئاقتېرەك كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەتياسىن مەتتۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىزچىل ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن تاللىدۇق، ئەزەلدىن ھېچكىم مەجبۇرلىغىنى يوق.» ئۇ كەنت ئاھالىسى مەمەت ئابدۇخەۋەرنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى تونۇشتۇردى. ئۇلارنىڭ كەنتىدە مەمەتكە ئوخشاش تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ بىزنىڭ شېرىن تۇرمۇشىمىزغا بوھتان چاپلىشىغا، تۆھمەت قىلىشىغا بولمايدۇ» دېدى مەتياسىن.

«ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلساق، پىتنە - ئىغۋالار ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ!» بورتالا ئوبلاستى جۇڭيا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاۋ يوۋگو مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز ئاساسلىقى چىگىتلىك پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ۋە ساپ پاختا سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش پەسلىدە 60 تىن 70 كىچە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كارخانىغا كېلىپ خىزمەت قىلىدۇ، شىركىتىمىز ئۇلارنى يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تارقىتىدۇ.

كورلا شەھىرى پۇخۇي چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى پاختىكار ئەمەر جېلىل ئېسىنى بىلگەندىن باشلاپ، ئىزچىل ئاتا - بوۋىلىرىغا ئەگىشىپ بۇ يەردە كېۋەز تېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. ھازىر، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 200 مودىن ئارتۇق كېۋەزلىكى ئوبوروت قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ، ئائىلىسىدە يەنە 1400 تۇياقتىن ئارتۇق قوي باقتى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش قوش كىرىملىك ئائىلىلەر خېلى كۆپ. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا نامرات ئادەم يوق، پەقەت ھۇرۇن ئادەملا بار، ئەمگەك قىلىشنى، تىرىشىشنى خالىسىلا، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. «رەزىل غەرەزلىك كىشىلەر بىزنىڭ ئۆز - ئۆزىمىزگە ئىگە بولۇپ قىلغان ئەمگىكىمىزگە بوھتان چاپلاپ، ئۇنى <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> دەۋالدى، ئۇلار بىزنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىمىزنى كۆرەلمەيدۇ!» دېدى ئەمەر.

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى قىزىلبايراق يولى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىلپەر ھاشىمجان مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىم كارخانىدا ئىشلەيدۇ، كارخانا ئۇلارغا «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند» تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، يەنە بەزى دوستلىرىم مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، كۆپچىلىك تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى غەيرەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكى بار، قەيەرگە بېرىش، قانداق خىزمەت قىلىش ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولىدۇ، جىسمانىي ئەركىنلىكى ئەزەلدىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچراپ باقمىدى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قانۇن بويىچە قوغدىلىپ كەلدى؛ مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارمۇ ئۇلارنى ياخشى خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، خىزمىتىنىڭ ئازادە، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەھۋالى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.