ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى، خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق ۋە ئوتتۇراھال قار ياغدى، قار بىر مەھەل كۈچەيسە، بىر مەھەل ئاستىلىدى، بەزىدە ياغسا، بەزىدە توختىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا، كىشىلەر لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا ئۇسسۇل ئويناپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلدى. ھەممە يەرنى قار قاپلىغان بولۇپ، بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئەركىن-ئازادىلىكنىڭ ھۇزۇرىنى سۈردى.
12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، شەھەر ئاھالىلىرى ئىلگىرىكىدەك مەيدان ئۇسسۇلى ئوينىدى.
12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا شەھەر ئاھالىلىرى قار-شىۋىرغانغا قارىماي پىيادە مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇردى.
12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا شەھەر ئاھالىلىرى چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى رايونىدا بەدەن چېنىقتۇردى.
12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا كىشىلەر قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى ئۇزۇن شىپاڭدا ئۇسسۇل مەشىقى قىلدى. بۇ ۋاقىتتا، شىپاڭ سىرتىدا قار بىلەن تەڭ شىۋىرغان چىقىۋاتاتتى.
12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا خىزمەتچى خادىم ئۈسكۈنە ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە-ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى.