تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولايلى، خەلق بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 10 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت كۈچىيىدۇ. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 11 - قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، 100 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بەردى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە بەش نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىچكى خاس مەزمۇن مول، ئىدىيە چوڭقۇر بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچىلىك رولغا ئىگە، ئۇ جەزمەن كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا پائال ئاتلىنىشقا، توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتنى قوينىغا ئېلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى يارىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

مەدەنىيەت مىللەتنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى، ئەدەبىيات - سەنئەت دەۋرنىڭ بۇرغىسى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىگە دۆلىتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش تارىخى مۇجەسسەملەنگەن. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، مىللەتنىڭ مەنىۋى مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى چېلىپ، ئىرادىسىدىن قايتماي ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، مول ئەدەبىيات - سەنئەت شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئېكسپلاتاتسىيەگە ئۇچرىغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغان جاپاكەش ئەمگەكچى ئاممىنى قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش، تىز پۈكمەسلىككە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئورنىدىن دەس تۇرغان جۇڭگو خەلقىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاسارەت بىلەن ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنىدىكى يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو خەلقىنى ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش، مىللەتنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، دۆلىتىمىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ۋەزىيىتىدە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بۇ مۇساپىدە كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ جاراڭلىق ساداسىنى چىن ھېسسىياتى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يالقۇنلۇق ئەمەلىيىتىنى جانلىق مەدھىيەلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپىلەرنى قوشتى، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر قاتار مۇھىم، زور پائالىيەتلىرىنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور باش تېمىلارنى چۆرىدەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئاتلىنىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىجاد قىلىپ، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، يۈرۈشلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىش، ئىشەنچنى چىڭىتىش رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەدەبىيات، تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، خەتتاتلىق، چۈيى سەنئىتى، سېرك، خەلق ئىچى ئەدەبىيات - سەنئىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورى، ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت، سەنئەت مائارىپى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات - سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە تەلىپىنى يەردە قويمىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ئەدەبىيات - سەنئەت سېپىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقچىللىقنى يۈكسەك ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىز ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بۇ بىپايان، كەڭ زېمىندا ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى. 100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخ جەريانىدا مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ مىللەتكە تەۋە بولغان، ئىلمىي بولغان، ئاممىباب بولغان جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا پائال تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈكسەك مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىغا ئىگە پارتىيە، ھەم جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ يېتەكلىگۈچىسى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، ھەم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسلىق قىلغۇچىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى دۆلىتىمىز ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. خەلقنى مەنبە قىلىش، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە مەنسۇپ بولۇش سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تۈپ مەيدانى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپە زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشى، بىز ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقچىللىقنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ، ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك قىممەت يېتەكچىلىك كۈچى، مەدەنىيەت ئۇيۇشۇش كۈچى، مەنىۋى تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

«سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ.» بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو، جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى چەكسىز پارلاق. يېڭى دەۋر ئەدەبىيات - سەنئەت ئۇستازلىرىغا موھتاج، شۇنداقلا ئەدەبىيات - سەنئەت ئۇستازلىرىنى تامامەن يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ! يېڭى دەۋر ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە موھتاج، شۇنداقلا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تامامەن يارىتالايدۇ! بىز بۇ ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز كېرەك! يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، باشتىن - ئاخىر پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىرادە تىكلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىغا پۈتكەندىلا، خەلقنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە پۈتكەندىلا، چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.