بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن خۇي خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، جۇڭگو دالانچە تىترەش مەركىزى باش ئىشتابى «4-تۈركۈمدىكى جۇڭگو دالانچە تىترەش مەركىزى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن ئورۇنلار تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، بىڭتۇەن دوختۇرخانىسى دالانچە تىترەش مەركىزى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.
بىڭتۇەن دوختۇرخانىسىنىڭ دالانچە تىترەش مەركىزى قۇرۇلۇشى خىزمىتى 2019-يىلى 11-ئايدا باشلانغان، ئامبۇلاتورىيە، جىددىي داۋالاش، يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى، يۈرەك تاشقى بۆلۈمى، نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى، ئۇلترا ئاۋاز بۆلۈمى، تەكشۈرۈش مەركىزى قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەر بايلىقىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، دالانچە تىترەشنى دەسلەپكى قەدەمدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، سەكتىنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش، رىتىمنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش، دالانچە تىترەشنى ئۇنىۋېرسال پەرۋىش قىلىش قاتارلىق دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ھالقىلىرىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن دوختۇرخانىسى دالانچە تىترەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دالانچە تىترەشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى، بۇنىڭدىن باشقا، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەش، خالىس كېسەل كۆرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاپ، بىڭتۇەن تەۋەلىكىنىڭ دالانچە تىترەشنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.