تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمدىلا يېپىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ بىزنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ھەم بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، ھەم پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىنكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇھىتىدا پەيدا بولغان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، دۇچ كەلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرو سىياسەت، مىكرو سىياسەت، قۇرۇلمىلىق سىياسەت، پەن-تېخنىكا سىياسىتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى، رايون سىياسىتى، جەمئىيەت سىياسىتىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ماكرو سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىغا يۈزلەنگەن قوللاش سىياسىتىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلاشقان ھالدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى مۇۋاپىق ئالدىن قانات يايدۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز، تىرانسپورت قاتارلىقلارنى تەڭشەشنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماس ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ياخشىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشى، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىشى كېرەك. ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىش، ئىلمىي پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئاڭلىق قوللىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جازالاپ چۆچۈتۈش، تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش، ئاڭنى ئۆستۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجە ۋە تېخىمۇ زور تۈزەش نەتىجە-ئۈنۈمىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق تۈزەشنى يولغا قويۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، ياڭ چېڭ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.