تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئالاھىدە بالىلارنىڭ قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇش

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

    «مەن مۇزىكىنى ۋە دېكلاماتسىيە قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن. كەلگۈسىدە دىكتور بولۇپ، ئەڭ يېقىملىق مۇزىكا ۋە ئېسىل ئەسەرلەرنى كۆپچىلىككە سۇنىمەن.» يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك چىمىڭ مەكتىپىدە مۇزىكا دەرسى ئاڭلاۋاتقان زۇلقەر ئېلىنىياز ئەمالار يېزىقىدىكى دەرسلىك كىتابىنى سىلىغىنىچە ھاياجانلانغان ھالدا ئۆز ئارزۇسىنى ئېيتتى.

    چىمىڭ مەكتىپى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەما، گاس، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ بولۇپ، تەربىيە، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كەسپىي ماھارەت مەشىقى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى. بۇ يەردىكى بالىلار رەڭسىز، ئاۋازسىز دۇنيادا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ چىرايىدا ھەمىشە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، كەلگۈسىگە چەكسىز تەلپۈنۈپ تۇرىدۇ.

    «پەن-دەرسلەردىن باشقا، بىز مېيىپلىق تىپى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇزىكا، رەسىم سىزىش، ئاشپەزلىك، فوتو سۈرەت، ئۇۋۇلاش، باغۋەنچىلىك قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدۇق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز قىزىقىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز». چىمىڭ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى خې زۇڭجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ئەمالار سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۈمە ئېزىز ئۇۋۇلاش ماھارىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ بولغان بولۇپ، مۇئەللىمنىڭ نەزەرىدە ئۇ بىر تىرىشچان ياخشى ئوقۇغۇچى. «مۇئەللىم ئۇۋۇلاش ماھارىتى مەشىقىنى بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇڭا مەن ھەر تەتىلدە ئۇۋۇلاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇۋۇلاش تېخنىكامنى ئۆستۈرىمەن. كېيىن چاڭچۈن داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.» جۈمە مۇنداق دېدى: «مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن، ئارزۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، كەلگۈسىدە قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشۈمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. لېكىن ھازىر، ئەتەمنىڭ چوقۇم ئىنتايىن گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن بىر ئۇۋۇلاش ئورنى ئېچىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن. يەنە بېيجىڭغا بېرىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىمەن...»

    ئوپېراتور، رەسسام، ئاشپەز... ھەربىر دەرسخانىدىكى بالىلارنىڭ چېھرىدىن ئۇلارنىڭ كىچىك ئارزۇلىرى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ئوقۇتقۇچىلار ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا دەرس مەزمۇنىنى تەڭشەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تېخىمۇ مەزمۇت مېڭىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت ياراتتى.

    ئىلگىرى، چىمىڭ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ئالاھىدە مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ داۋاملىق ئوقۇيتتى. ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل مەكتەپ يەنە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپ ئېچىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان سەككىز ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى ۋە مېھمانساراي باشقۇرۇش كەسپىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگەتتى.

    «بۇ يىل پەقەت دەسلەپكى قەدەمدە سىناق قىلدۇق، كېيىنكى قەدەمدە بىز داۋاملىق ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي دەرسلەرنى ئىلتىماس قىلىمىز، ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىمىڭ مەكتىپىدە تېخىمۇ كۆپ ماھارەت ئىگىلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىپ، خىزمەت ئورنىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى خې زۇڭجۈن.

    چىمىڭ مەكتىپى «ھەربىر بالىنىڭ قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇش»تەك مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، دەرسلىك ئىسلاھاتى، مائارىپ، پەن تەتقىقات ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش، پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئوخشاش بولمىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىگە كۈچ چىقاردى.

    يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، چىمىڭ مەكتىپى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتى گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە «چىمىڭ ھەرىكىتى»نى باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، 14 ئوقۇغۇچى سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىش، ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى سەپلەپ بېرىش ياردىمىگە ئېرىشىپ، قايتىدىن ئاڭلىيالايدىغان بولدى.

    «بىز كۈچىمىزنىڭ بارىچە بالىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، بۇ ئالاھىدە بالىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز» دېدى خې زۇڭجۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى