تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مەكتەپ، چارۋىچىلىق رايونى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرى ... ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى ئاممىغا يېقىنلاشتى، ئاممىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىلى چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئىچېگاشەن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى  ئاتلىق ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، قار كېچىپ، تاغ ئاتلاپ ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا يەتكۈزدى.

ۋاڭ پېڭفېي فوتوسى

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ توغراقلىق يېزىسى ئارىش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇن بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

گۇڭ دەندەن فوتوسى

11-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپ «ئاساسىي قانۇن ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇننى سۆزلەش» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.     

ياڭ بىن فوتوسى

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2021-يىللىق «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى»نى باشلاش مۇراسىمىدا قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە.

خې لۇڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 30-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئاقتىكەن دۆڭ يېزىسى سېغىزلىق شىپاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلىمەكتە.

ماۋ جىڭ فوتوسى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 3-سىنىپ «دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى»نى باش تېما قىلغان سىنىپ يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئوقۇتقۇچى ساۋاقداشلارغا قانۇنغا ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشەندۈردى.

ياڭ بىن فوتوسى

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ داچۈەن يېزىسى يېجياخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىگە ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.     

زېڭ جاۋمېي فوتوسى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى شاربۇ دەرياسى چېگرا ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى كوچىدا ئاممىغا «ئاساسىي قانۇن»غا ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشۋىق قىلماقتا.

لۈ جىخېڭ فوتوسى

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، چۆچەك شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 3-سىنىپ «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات كۈنى» باش تېما پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا.

ۋېن بو فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.