تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىللىق تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يىللىق تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «تەنتەربىيە بىلەن سەھىيەنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» «ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ئالاقىدار يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا توقۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش؛ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پۈتۈن يىللىق ئىسلاھات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يىللىق تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تاماملانغانلىرىنى ھېساباتقا سېلىشتۇرۇپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىرىنى تېزدىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاماملانمىغانلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، بۇ يىللىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورۇنداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تاماملاش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، كېلەر يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىسلاھاتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، ئىسلاھات بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان مەركەز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە قارىتا «قايتا قاراپ چىقىش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.