تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يىغىندا بۇ يىلدىن بۇيانقى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات چىدامچانلىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئىسلاھات جاسارىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەيدىغان قىلىش كېرەك. ئىسلاھات ئەمەلىي ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق خاراكتېرىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا سالماقنى زورايتىپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، كۆزلىمىدىن ياخشى بولۇپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، ئورۇن ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى ھەقىقىي توغرا تېپىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكنى يېتىلدۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزا ئىستېمالىنى سىجىل گۈللەندۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئون چوڭ كەسىپنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش ۋە ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم، مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى زورايتىپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى شەھەر چەمبىرىكىنى يېتىلدۈرۈپ، شىمالىي شىنجاڭ شەھەرلەر بەلبېغى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەرلەر توپى بەرپا قىلىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مالىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مالىيە مەبلىغىنى تەقسىملەشنى ۋە مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ يىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ۋە كېلەر يىلنى ياخشى باشلاش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش، پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.