تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بېيىش ماھارىتى ئىگىلەندى تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى

ئاپتونوم رايون «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش» مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

بېيىش ماھارىتى ئىگىلەندى تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش» مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېخنىك شۆيۈەنىدىن كەلگەن ئالتە ئوقۇتقۇچى، كۇرسانت ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش، ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرغانلىقىنى، يېزا - كەنتلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە كەڭ كۆلەمدە تۈرتكە بولغانلىقىنى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر توقۇپ چىققان ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە رەددىيە بەردى.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە خالىغانچە قارا چاپلىدى. پاكىت شۇكى، شىنجاڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، ئالىي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىق كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئاساسىي ئەمگەك ساپاسى بويىچە تەربىيەلەش ۋە زاكاز قىلىش، ئىش ئورنىنى بېكىتىش، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

ئالمىرە ئەخمەت ئاقسۇ سانائەت تېخنىك شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ تۇرۇشلۇق مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ھەر ئايدا 5000 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىدىغان بولدى، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن كارخانا ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە كېلىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلدى. «ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىن كەلگەن، ئۇلار كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشكە تولىمۇ تەقەززا.» ئالمىرە مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار بىرەر ماھارەت ئۆگەنگەندىن كېيىن، بېيىش ماھارىتىنى ئىگىلىسە، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، ئەجەبا بۇمۇ «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»مۇ؟

2017 - يىلى، ئابدۇسالام ئابلىكىم لوپ ناھىيەسىدە بىر كاۋاپخانا ئاچتى. كاۋاپچىلىق تېخنىكىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 5 - ئايدا، ئابدۇسالام ناھىيە تەشكىللىگەن قورۇما قورۇش ئۇستىلىرىنى تەربىيەلەشكە قاتناشتى ھەم باشلانغۇچ دەرىجىلىك جۇڭگوچە قورۇما قورۇش ئۇستىسى گۇۋاھنامىسىنى ئالدى. مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، ئۇ مەملىكەتلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، ئاخىرىدا جۇڭگوچە قورۇما قورۇش ئۇستىسى (قوي گۆشىنى قاقلاپ پىشۇرۇش) ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

«مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.» ئابدۇسالام تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كاۋاپخانىنى خوتەن، ئۈرۈمچى، بېيجىڭغىچە ئاچماقچى بولدى.

ئابدۇرۇسۇل ساتتار سانجى كەسىپ تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئاشپەزلىك فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئاشپەزلىك ھۈنەر - سەنئىتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلدە، مەكتەپ ئۇنى قەشقەر، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىپ، ئاشپەزلىك ماھارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. «ئايلىق مائاشىم 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ، شۆيۈەن ماڭا يەنە <بەش سۇغۇرتا، بىر فوند> تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.» خىزمەت قىلغان بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئائىلىسىنىڭ كېسەك ئۆيى يورۇق ئەمىن ئۆيگە ئايلاندى، ئۆيدە ھەر خىل مودا، كۆركەم، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق بولدى، ئابدۇرۇسۇل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ پەخرىگە ئايلاندى.

«يۇرتداشلار ئائىلىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەۋەس قىلدى، شۇنداقلا بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدى.» ئابدۇرۇسۇل يۇرتداشلىرىنى ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىگە بېرىپ ماھارەت ئۆگىنىشكە تونۇشتۇردى، ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ لوبەن بولۇپ، بەزىلىرى يېزا - بازار كارخانىلىرىدا كەسىپ تايانچلىرىغا ئايلىنىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ھەق - ناھەقنى قانداق ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى مەردانە قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.