تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تەتقىق قىلىش، شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەر كۆپرەك نەتىجە يارىتىش، كۆپرەك نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشنى ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ۋە سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىشى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك؛ تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك؛ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا، توققۇز تارماق، ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.