تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 - قېتىملىق يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 - قېتىملىق يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۆ بىن يىغىنغا كېلىپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى ھەم ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ تەشكىلىي تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ، «بىر سوئالغا بىر جاۋاب» شەكلىدىكى سوئال سوراشنى قوبۇل قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بولۇپ ئون كىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ پائال ئاقىلانىلىك بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلىي تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلاردىن سوئال سورىدى.

سورالغان بۇ سوئاللارغا قارىتا، شۆ بىن ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر بىرمۇبىر جاۋاب بېرىپ، كونكرېت ھەل قىلىش چارىسى ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەۋكەت ئىمىن يىغىن ئاخىرلاشقاندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، جەزمەن چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىندا نازارەت قىلىش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، ساقلانغان مەسىلىلەر توغرا تېپىپ چىقىلدى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىندى. سوئال سورىغۇچى، سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى ئىككى تەرەپ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولى توغرىسىدا ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت ھەم ئۇنىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى سوئال سوراشنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «تاماق قاچىسى»غا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچ»تىكى ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ماددا ۋە تۈرلەر بويىچە تۈزىتىش تەلىپى، مەسئۇلىيىتى ۋە مۇددىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش كېرەك. ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاممىغا يېقىنلىشىش، خەلق رايىنى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، سو يۆ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقاممەت، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سارقىت ئاقان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.