تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت ئاھالىلىرى بازار ئايلىنىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، تىجارەتچىلەر قاغىلىق ناھىيەسى جاڭگىلىئەسكى يېزىسىنىڭ بازىرىدا ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ساتماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزىسىنىڭ بازار كۈنى ئىدى.

«15 كوي، 15 كوي، ئۆتكەن - كەچكەنلەر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭلار.» «كېلىڭلار، كېلىڭلار، يېڭى پاسوندىكى كىيىملەر كەلدى، تاللىۋېلىڭلار، خىللىۋېلىڭلار.»... سائەت 18لەر ئەتراپىدا، مۇخبىرلار جاڭگىلىئەسكى يېزىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا كەلدى، ئەتراپقا نەزەر سالغاندا، ئادەملەر مىغ - مىغ بولۇپ، مېلىنى داڭلاۋاتقان، خېرىدار چاقىرىۋاتقان، باھا تالىشىۋاتقان ئاۋازلار پات - پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چامادان، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، مېۋە، كۆكتات، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، رەخت قاتارلىق تۈرلۈك تاۋارلارنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگىلى بولمايتتى.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا 183 مۇقىم يايما ئورنى ۋە 70 ۋاقىتلىق يايما ئورنى بار بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك رايونى، كىيىم - كېچەك رايونى، ئاياغ، باش كىيىم رايونى، تۈرلۈك ماللار رايونى، قۇرۇق يەل - يېمىش رايونى، مېۋە - كۆكتات رايونىغا ئايرىلغان.

يېمەك - ئىچمەك رايونىدىن ئۆتكەندە، خۇش پۇراقلار دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، ھوردا پىشۇرۇلغان، سۇدا پىشۇرۇلغان، ياغدا پىشۇرۇلغان، ياغدا قورۇلغان، قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى.

جاڭگىلىئەسكى يېزىسى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلەت ئابلىزنىڭ بېلىق كاۋىپى يايمىسى ئالدى ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتكەنىدى. «ۋىيشىن ھېسابىغا 30 يۈەن كىردى» «ۋىيشىن ھېسابىغا 25 يۈەن كىردى»... ئارقا - ئارقىدىن ئاڭلانغان پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ئەسكەرتمىسىنى ئاڭلاپ، ئابلەتنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

«بۈگۈن 300 كىلوگىرام بېلىق تەييارلىغانىدىم، ھازىر يېرىمىنى سېتىپ بولدۇم.» ئابلەت سۆزلىگەچ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سودا خاتىرىسىنى تەكشۈردى، سائەت 12دىن سائەت 18دىن 15 مىنۇت ئۆتكىچە جەمئىي 3500 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپشۇرۇۋالغانىدى. «كەچتە يايمىنى يىغقاندا، 7000 يۈەنلىك سېتىشىمدا گەپ يوق.» ئابلەت سۆزلەۋېتىپ يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ئابلەتنىڭ بازاردا بېلىق كاۋىپى يايمىسى تىجارىتى قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغانىدى. «مەن ھۈنەرنى قېيىنئاتامدىن ئۆگەنگەن، بۇ بازاردا پەقەت مەنلا بېلىق كاۋىپى ساتىمەن، شۇڭا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتىم» دېدى ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا.

يېمەك - ئىچمەك رايونىنىڭ ئۇدۇلىدا قۇرۇق مېۋە رايونى بار. قاغىلىق ناھىيەسى قاغىلىق بازىرى باغ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ 63 ياشلىق ئاھالىسى ئابدۇرېھىم راخمان يايما ئالدىدا خېرىدارلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. «مەن بازاردا يايما ئاچقىلى 43 يىل بولدى. گەرچە مەن ناھىيە بازىرىدا بىر قۇرۇق مېۋە دۇكىنى ئاچقان بولساممۇ، لېكىن يەنىلا بازاردا يايما ئېچىشنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ يەر قىزىپ كېتىدۇ.» ئابدۇرېھىم سۆزلىگەچ خېرىدارلارغا مال جىڭلاپ بەردى.

مالنى يۈدۈپ ھەممە يەرگە «دوقۇرۇپ يۈرۈش»تىن ئېشەك مىنىپ بازارغا بېرىشقىچە، تىراكتور ھەيدەپ مال توشۇشتىن بۈگۈنكى كۈندە كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل ھەيدەپ بازارغا كېلىپ يايما ئېچىشقىچە بولغان نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر ئابدۇرېھىمنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى: «قاتناش قوراللىرى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بازار مۇھىتىمۇ ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ھازىرقى بازار رەتلىك، پاكىز، رايونلارغا ئايرىلىشى مۇۋاپىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمە دېسە شۇ تەل، مېنىڭ يايمامدا 50 نەچچە خىل قۇرۇق مېۋە بار، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ تۈرىلا 13 خىل. ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى».

گەپ ئارىلىقىدا، چوڭ - كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان جاڭگىلىئەسكى يېزىسى گەمىلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى داۋۇت ئاۋۇت ئابدۇرېھىمنىڭ يايما ئورنىغا كەلدى. «قەدىناس دوستۇم، ماڭا يېرىم كىلوگىرام قۇرۇق ئۈزۈم، بىر كىلوگىرام بادام، بىر كىلوگىرام ئۆرۈك قېقى بەرگىن، ئەڭ ياخشىسىنى ئالىمەن.» داۋۇت سۆزلىگەچ قولىدا كۆتۈرۈۋالغان نەرسىلەرنى قويدى.

خۇرۇم چاپان، ئاياغ، مېۋە - چېۋە، ئويۇنچۇق... داۋۇت بۇ قېتىم نۇرغۇن نەرسە سېتىۋالغانىدى. «بازار ئايلىنىش ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىش، بۇ يەردە ئادەم كۆپ، ئاۋات بولغاچقا، نەرسە - كېرەك سېتىۋالغاچ پاراڭلاشقىلى بولىدۇ» دېدى داۋۇت.

كىيىم - كېچەك رايونىدىكى يايما ئىگىسى قۇمۇز ئابلىز يېڭى پاسوندىكى پەلتونى كىيىپ خېرىدارلارغا قىزغىنلىق بىلەن تەۋسىيە قىلماقتا ئىدى. «ھازىر كەنتتىكى ئاياللار ياسىنىشقا بەك ئامراق، بۈگۈن بىر تۈركۈم يېڭى پاسوندىكى پەلتولار كەلدى، سېتىپ بولاي دېدىم» دېدى قۇمۇز.

«ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك، مەن سېتىۋالماقچى ئىدىم، لېكىن مەن كىيىدىغان نومۇر قالماپتۇ.» قاغىلىق ناھىيەسى چاچقۇم باشقۇرۇش رايونى چاچقۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاتىگۈل ئۇلغۇت ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بايا بىرنى زاكاز قىلىپ قويدۇم، كېلەر ھەپتە بازار كۈنى مال كېلىدىكەن».

بازارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، تۆت ئەتراپقا نەزەر سالغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىك خالتىلارغا قاچىلانغان «غەنىيمەت»لەرنى كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ ئۆزى يالغۇز، بەزىلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى...

«بازار كۈنى كەلسىلا يېزىمىز قاينام - تاشقىنلىققا چۆمىدۇ، بىز ھەر يىلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مال سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىمىز» دېدى جاڭگىلىئەسكى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ جيەنجۈن.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سائەت 20دىن 20 مىنۇت ئۆتكىچە، جاڭگىلىئەسكى يېزىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ شۇ كۈنلۈك خېرىدار مىقدارى 12 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.