تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتناشتى.

يىغىندا، چېن چۈەنگو، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «نىزام» دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نەزەرىيە، ئەمەلىيەت ۋە تۈزۈم نەتىجىلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى روشەن مەيدانى ۋە ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىش، چەكلەشنى قوبۇل قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى ھەم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت رېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە رېۋىزىيە يولىنى ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. «نىزام» دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تۈزگەن تۇنجى رېۋىزىيە نىزامى بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، رېۋىزىيە نىزامى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ سىستېمىلىق توپلىنىشى، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇھىم، زور نەتىجە بولۇپ، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ئورگان خاسلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ رېۋىزىيە خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەركەزلىك، بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان رېۋىزىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «نىزام»نى تۈزۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «نىزام»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى، مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، رېۋىزىيە قانۇنى ۋە «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىستىل ۋە ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. باشتىن - ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رېۋىزىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «نىزام» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇننى بىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇننى تەتبىقلاپ، قانۇنچىللىق ئېڭى، تەرتىپ ئېڭى، دەلىل - ئىسپات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «نىزام» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «نىزام»دا بەلگىلەنگەن تۆۋەن چەك تەلىپىنى چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىش، قانۇنچىللىشىش، مۇنتىزىملىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.