تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ پىتنە - ئىغۋالىرى بىمەنە، كۈلكىلىك

ئاپتونوم رايون «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا رەددىيە بېرىش مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ پىتنە - ئىغۋالىرى بىمەنە، كۈلكىلىك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا رەددىيە بېرىش مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. نەق مەيدانغا ئالاقىدار ساھە، جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان «شىنجاڭدا ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان ئېزىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەۋجۇت» قاتارلىق شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىلدى.

بۇ ئىككى يىلدا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە ساھەلەر، جەمئىيەتلەر ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنى يولسىزلارچە چەكلىدى. شىنجاڭ پاختىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى پېڭ چاڭمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە تەرەققىياتى شىنجاڭدىكى كېۋەز تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋە پاختا توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. ئۇ كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەرقانداق سىياسىي نەيرەڭۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، بىر قىسىم خەلقئارا ماركا ۋە ئاپپاراتلارنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چەتكە قېقىش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز!

ئاۋات ناھىيەسى باغتوغراق يېزىسى ئۈستىنكى دۆڭمەھەللە كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇرېھىم راخمان بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىماملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن باشقا، ئۇ يەنە كېۋەز تېرىپ، قوي بېقىپ، يىلىغا 250 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەن ئىشنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىدۇق، «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ پىتنە - ئىغۋالىرى ھەقىقەتەن بىمەنە، كۈلكىلىك!» ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە ھەميېنىمىز بارغانسېرى تومپايدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، كۆڭلىمىز بارغانسېرى ئازادە بولدى، چېھرىمىزدە تەبەسسۇم بارغانسېرى جىلۋىلەندى.

زۇلپىيە ئەخمەت شىنجاڭ شيېشىن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەشغۇلاتچىسى. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ شىركەت بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىدى، تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئۇ كىرىمىدىن ناھايىتى رازى، ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئاتا - ئانىسىنى ساياھەتكە ئېلىپ باردى. «بىز ھەممىمىز ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن ئەمگەك قىلىمىز، ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىمىزنىڭ يولى» دېدى ئۇ.

«بۇ پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك، بىمەنە گەپ.» ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دەپ بوھتان چاپلىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئابدۇسەمى ئابدۇمىجىت قاتتىق غەزەپلەندى. ئابدۇسەمى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسلىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى. تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ قوللىشىدا، بىرنەچچە دوستى بىلەن بىللە شىركەت قۇردى. ھازىر شىركەت بارغانسېرى زورايدى، 18 ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتىن تەكلىپ قىلىش، دوستلىرى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىركەتكە ئورۇنلاشقان. ئابدۇسەمى مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەربىر كىشى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق بەختنىڭ تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا باشقىلارنىڭ قارا چاپلىشىغا يول قويمايمىز.

ئامېرىكا مۇستەقىل ئاخبارات تەكشۈرۈش تور بېكىتىنىڭ «كۈل رەڭ بەلباغ» تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئاتالمىش «شىنجاڭدا <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> مەۋجۇت» دېيىشنىڭ قىلچە ئىشەنچلىك ئىسپاتى يوق.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت قاتارلىق مەسىلىلەرنى قايتا - قايتا ئويدۇرۇپ چىقاردى، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قالايمىقان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ياشاش ھوقۇقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، «ئىشسىز قېلىشقا مەجبۇر بولۇش» «نامراتلىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇش»نى پەيدا قىلىش. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش پاكىتنى، ھەقىقىي ئەھۋالنى جاھانغا بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.