تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«پاختا مېنىڭ بەخت گۈلۈم»

ئاپتونوم رايون «ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى​

«پاختا مېنىڭ بەخت گۈلۈم»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، پىراكتىكانت لى جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن كەلگەن پاختىكارلار ۋە پاختا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىشقا تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى نەق مەيداندا سۆزلەپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەن ئۇچىغا چىققان يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

«شىنجاڭ پاختىسى ئاپئاق، ئۇنىڭغا داغ تەگكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.» باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش يېزىسىدىكى پاختىكار يالقۇن قۇربان مۇنداق دېدى: ئاتا - ئانام پاختىكار، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئائىلىمىزنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 400 نەچچە مودىن 1200 نەچچە موغا كېڭەيدى، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز تېرىدۇق، تېرىقچىلىق قىلغاندا بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتور بىلەن تۈجۈپىلەپ تېرىدۇق، ئېتىز پەرۋىشىدە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا دورا چېچىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى قوللىنىپ، تەننەرخنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتۇق، ئەسلا ھېچقانچە ئادەم كۈچى كەتمەيدۇ، نەدىن كەلگەن «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئىكەن؟

كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسىدىكى پاختىكار ئەكرەم ئەركىن بۇ يىل 40 نەچچە مو يەرگە كېۋەز تېرىپلا قالماي، يەنە كورلا شەھىرى يۈگۇڭجېن پەن - تېخنىكا يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ماھىرى بولدى. «تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا مەشغۇلات قىلىپ، بىرنەچچە ھەپتىدىلا پۈتۈن يېزىدىكى 50 مىڭ مو كېۋەزلىككە كېۋەز يوپۇرمىقى چۈشۈرۈش دورىسى پۈركۈش خىزمىتىنى تاماملىدۇق.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ تۆھمەت قىلدى، بۇنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق، مەن مەشغۇلات تېخنىكىسىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارغا نېمىنىڭ زامانىۋى ئەمگەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى خالايمەن.

«نېمە تېرىغۇمىز كەلسە شۇنى تېرىيمىز، پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە كەسىپ تاللايمىز ياكى ئىگىلىك تىكلەيمىز» دېدى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ گۈللۈك يېزىسىدىكى پاختىكار ئابدۇزايىر شەمەر. 2018 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، شىننۇڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. مەيلى قايسى دېھقان ئائىلىسى يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش، دورا چېچىش، يىغىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بىر تېلېفون ئۇرسىلا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكىلەر ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى ھەيدەپ بېرىپ كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلىپ بېرىدۇ. «ھازىر يېزىدا ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش %100 ئىشقا ئاشتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە ئون نەچچە كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، مەن ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشتىن پەخىرلىنىمەن» دېدى ئۇ.

يوپۇغا ناھىيەسى تېرىم بازىرىدىكى پاختىكار ئابدۇقېيۇمجان راخمان بۇ يىل 200 مو كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، كىرىمىنى 300 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. كېۋەز تېرىش ئارقىلىق، ئۇ ناھىيە بازىرىدىن بىنا ئۆي سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىمتىھان بېرىپ ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىپ، پىكاپ سېتىۋېلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئەمگەكچان ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش ياراتتۇق، ھەرقانداق كىشىنىڭ بوھتان چاپلىشىغا، قارا چاپلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز!»

«پاختا تەرگۈچىدىن كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسىگە ئايلىنىشقىچە، پاختا مېنىڭ بەخت گۈلۈم بولدى.» ماناس ناھىيەسىنىڭ گۇاڭدۇڭدى يېزىسىدىكى پاختىكار ما چىنلىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلىمىز كېۋەز تېرىيتتى، پاختا تېرىشتا ئاساسەن ئادەم كۈچىگە تايىناتتۇق، كېيىن ماشىنىلاشقان تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يەر تېرىش بارغانسېرى ئاسانلاشتى، ھازىر ئېرىم ئۆزى يالغۇزمۇ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، مەن يەنە بىر ئاشخانا ئاچتىم، ئىككىمىز بىر يىلدا 300 نەچچە مىڭ يۈەن پۇل تاپالايمىز. كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، مانا بۇ يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، نۇرۇم ئىسمايىلقان قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.