تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بوپتۇ»

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەر ۋەكىللىرى مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

​«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بوپتۇ»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەر ۋەكىللىرى مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە تەڭ قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى، 80دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمان يىغىنغا قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شېن بېيلى سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراقتا، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتمەكتە، جەمئىيەت گۈللەندى ۋە مۇقىم بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى. چەت ئەل سودا - سانائەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلزات ئەخمەتجان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ يېپيېڭى قىياپەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ دادىل قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر قىلچە تۆۋەن چېكى يوق، قىلچە داۋلىسى يوق، قىلچە ئاساسى يوق ھالدا شىنجاڭنىڭ «نامىغا داغ تەگكۈزدى»، شىنجاڭنى «خۇنۈكلەشتۈردى»، ئايرىم دۆلەتلەر تەپتارتماي يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە ساختا ئۇچۇرلار ئاساسىدا، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ساھە، كارخانىلارغا يولسىزلارچە چەكلەش يۈرگۈزدى. بىز بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز!

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، بۇ يىل 9 - ئايدا شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن ئالتە چەت ئەللىك مېھمان پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىپ، شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى ۋە تىنچ، ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«مەن سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» تۈركىيە جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادنان ئاقفرات مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭغا 20 نەچچە قېتىم زىيارەتكە كەلگەن، بۇ يىل 9 - ئايدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى، كونا، ۋەيرانە ئۆيلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىنى چىرايلىق، پاكىز، رەتلىك زامانىۋى شەھەرنىڭ ئىگىلىگەنلىكىنى، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن بەختلىك، باياشات ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بوپتۇ.» فىرانسىيە ئاسىيا يىپەك يولى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى پېر مىروچىنكوۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بېكىتىلگەن سىياسەتلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، نامراتلىقنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، قانۇن بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، دىنلارنىڭ ئېجىللىقى، رايىشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ، ئەر - ئايال، ياشانغانلار - ياشلار ھەممەيلەن تۇرمۇشتىن ئەركىن، ئازادە ھۇزۇرلىنىۋېتىپتۇ، چوڭ - كىچىك كوچىلار تولىمۇ تىنچ، خاتىرجەم ئىكەن.

«بۇ، ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، قانغۇچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان جاي ئىكەن.» جۇڭگو مالايسىيا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى فاڭ ۋېيچېڭ مۇنداق بىلدۈردى: سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى سۇپىسى ئارقىلىق مالايسىيا بىلەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى كارخانىلار ۋە ئاپپاراتلار ئۈچۈن ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشنى خالايمىز.

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى تور سىنلىق شەكلى ئارقىلىق قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە قىسمەن كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا ئۇلاندى، مېھمانلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، تاشقى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقى ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ھەم ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مۇھىت قوغداش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تاشقى سودا، كەسپىي مائارىپ، ئىسلام دىنى خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.