تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۇەيبەن ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلەش ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«6 - ئومۇمىي يىغىندا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، بىز مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىمىز، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.» 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى نېفىت يېڭى شەھىرى كوچا باشقارمىسى غەربىي ئايلانما يولى مەھەللىسىدە، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى ليۇ شۆشى ئۆزى ئىجاد قىلغان بىر شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىچە لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ناخشا - ئۇسسۇل، كۇەيبەن قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

قۇلاققا ياقىدىغان جۇبەن ئاۋازى، تولىمۇ جەلپ قىلارلىق جىڭجۈ تىياتىرى ئاھاڭى... 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دوستلۇق سودا چەمبىرىكىدە بىر مەيدان كوچا مىكرو ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاممىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونى توۋگۇڭ مەھەللىسى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى تەشكىللەپ، كۇەيبەن، جىڭجۈ تىياتىرى، ناخشا قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.

«ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى، غايەت زور ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، خەلق قەلبىدە شېرىن كۈنلەرنى سېلىشتۇردى.» بۇ مەھەللىنىڭ بوفېڭ شادلىق ئۇسسۇل ئەترىتىدىكى تۆت ئەترەت ئەزاسى كۇەيبەن ئويناۋاتاتتى، ئالقىش سادالىرى پات - پات ياڭراپ تۇراتتى، بىر چەتتە بېرىلىپ ئويۇن كۆرۈۋاتقان شەھەر ئاھالىسى بۇ شۆجۈن يان تېلېفونىدا سىنغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. «بۇنداق لېكسىيە سۆزلەش شەكلىنى مەن ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن» دېدى بۇ شۆجۈن.

بوفېڭ شادلىق ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ۋاڭ جىنلەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سۆزلەيدىغىنىمىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ يۈرەك سۆزى. بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىزنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز تولۇپ تاشتى».

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن بازىرى قاراباش كەنتىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت پونكىتىدا، كەنتتىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە تەشۋىقاتچىلاردىن تەشكىللەنگەن كەنت دەرىجىلىك ئەدەبىيات - سەنئەت شۆبە ئەترىتى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى باش تېما قىلىنغان بىر مەيدان ئويۇن قويدى.

«كۆرگىلى بولىدىغان، چۈشەنگىلى بولىدىغان، ئاممىغا يېقىن بولغان بۇنداق لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلى، بىزنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىشەنچىمىز بارغانسېرى ئاشتى» دېدى قاراباش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇرۇسۇل غوجى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازار، كەنت(مەھەللە)لەر ناھىيە دەرىجىلىك «قىزىل ئانار» ئەدەبىيات - سەنئەت شۆبە ئەترەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەدەبىيات - سەنئەت قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇردى. ماڭشىن بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ كادىرى، «قىزىل ئانار» شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى روشەنگۈل ئەمەت مۇنداق دېدى: «بىز ئاساسىي قاتلامغا مەدەنىيەت يەتكۈزۈش، خۇشاللىق يەتكۈزۈش ئارقىلىق، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمىز».

«جۇبەن ئويناپ سەھنىگە چىقىپ، ياخشى ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى سۆزلەيمىز، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىمىز...» 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ جۇجەنلۇ يېزىسى جەنجاجاڭزا كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسىدا، 63 ياشلىق ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى جياۋ دېچۈەن شىمالىي شەنشىلىك خەلق سەنئەتكارلىرى شەكلىدە لېكسىيە سۆزلەپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

جياۋ دېچۈەن شىخو شەھىرىدىكى «ئالتۇن توغراق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى»نىڭ تەشۋىقاتچىسى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېزىلارغا بېرىپ، كەنتلەرگە كىرىپ ئويۇن قويغان ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ بەزىلىرى كۇەيبەن ئۇرۇنلىدى، بەزىلىرى تىياتىر ئوينىدى، بەزىلىرى ئۇسسۇل ئوينىدى، بەزىلىرى خەتتاتلىق ماھارىتى كۆرسەتتى. شەكلى كۆپ خىل، ئاممىغا يېقىن بولغان لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلى كەنت ئاھالىلىرىغا چىن قەلبىدىن يېقىملىق ھېس قىلدۇردى.

شىخو شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى لى مېڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخو شەھىرى، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى، «ئۇچقۇن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «ئالتۇن توغراق» ماركىسىنى يارىتىپ، ئالتۇن توغراق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ «كىچىك ھويلا دەرسخانىسى» قاتارلىق بازىلاردا لېكسىيە سۆزلىشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، ئالتۇن توغراق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىدە 1000غا يېقىن لېكسىيە سۆزلىگۈچى بولۇپ، ئۇلار پۇقرالار ئارىسىدىن كەلگەن، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىگە ئايلاندى.

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، ليۇ يىمىڭ، ۋاڭ يۇڭفېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.