تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، شامال ئېلېكتىرىدىن توك چىقىرىپ پايدىلىنىش نىسبىتى مۇقىم ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، شامال ئېلېكتىرىدىن توك چىقىرىپ پايدىلىنىش نىسبىتى مۇقىم ئاشقان، ئومۇمىي يۈرۈشۈش ئەھۋالى ياخشى بولغان.

10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 105 مىليون 93 مىڭ كىلوۋات بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 12 مىليون 385 مىڭ كىلوۋات (تەقسىملەنمە شەكىلدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %11.8ىنى ئىگىلىگەن؛ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 23 مىليون 745 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %22.6ىنى ئىگىلىگەن.

1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمىدىكى ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارى 343 مىليارد 610 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش 15 مىليارد 920 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئېشىپ، ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ %4.6ىنى ئىگىلىگەن؛ شامال ئېلېكتىرىدىن توك چىقىرىش 47 مىليارد 90 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.3 ئېشىپ، ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ %13.7ىنى ئىگىلىگەن.

1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىپ پايدىلىنىش نىسبىتى %98.3 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %92.4 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىش مەسئۇلىيەت سالمىقى ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش بوشلۇقىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.