تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى قانچە كەچ بولغانسېرى شۇنچە جانلاندى

11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 23تە، شەھەر ئاھالىلىرى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ يىڭبىن يولى يېنىدىكى خۇاڭخوۋتيەن كوچىسى كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە. باش قىشتىكى كەچلىك بازاردا، مالاتاڭ، ميەنجىن كاۋاپ، ئۆپكە - ھېسىپ، كاللا - پاقالچاق قاتارلىق خاس ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تاراپ، ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

كەچ كىرىشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا، نۇرغۇن ساياھەتچى يان تېلېفون ئارقىلىق چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك بۇ جاينى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى، مەززىلىك كاۋاپلارنى تېتىۋاتاتتى؛ بىڭتۇەن 13 - شىسى شىنشىڭ شەھىرىدىكى تيەنجيې پىيادىلەر كوچىسىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى كىتابخانىدا كىتاب ئوقۇغاچ، بەزىلىرى كارتون قۇراشتۇرۇش شەھەرچىسىدە كارتون چاتما مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرغاچ، كەچلىك كىنونىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتاتتى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ تەسىرات كوچىسىدىكى چايخانىدا ساياھەتچىلەر چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىۋاتاتتى، بىر تام ئايرىپ تۇرىدىغان قاۋاقخانىدا ناخشىچى ناخشا ئېيتىۋاتاتتى.

بۇ ئۈچ جاي يېقىندىلا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. كەسىپ ھالىتى مول بولغان كېچىلىك مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايون يەرلىكنىڭ خاس مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بازارنى گۈللەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

كېچىلىك ساياھەت مېھمانلارنى جەلپ قىلدى، ساھىبخان، مېھمان ئورتاق بەھرىلەندى

«11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار 24 سائەت تىجارەت قىلدى، سەھەر سائەت 2دىن ئاشقاندا، يەنە نۇرغۇن كىشى ئەپەندى خوتەن كاۋاپخانىسى شادلىق باغچىسىغا كېلىپ كاۋاپ يەپ پىۋا ئىچتى، چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك بۇ جاينى سۈرەتكە تارتتى.» ئۈرۈمچى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ۋاڭ فېي مۇنداق دېدى: كېچىلىك ساياھەتتە، ئۇلار تىياتىر، ناخشا - ئۇسسۇل ھەم سائەت نۆلدە تائاملارنى بىر يۈەن ئالاھىدە باھادا سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى.

قەشقەر شەھىرى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى تەسىرات كوچىسى قاۋاقخانا، يېمەك - ئىچمەك، چايخانا، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق توققۇز خىل كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، سىرتتا ئويۇن قويۇش ئۆي ئىچىگە يۆتكەلدى، چاي ئىچىش، ناخشا ئاڭلاش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر تاكى سەھەرگىچە داۋاملاشتى.

شىنشىڭ شەھىرى تيەنجيې پىيادىلەر كوچىسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولۇش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، يېمەك - ئىچمەك، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىستىراھەت سودا پىيادىلەر كوچىسى رايونى، بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت ئىجادىيەت تۈرىدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەر تەخمىنەن 130 بولۇپ، ھەممىسى كېچىدە تىجارەت قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپلەر تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تاڭ ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىقتىسادى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايون بەرپا قىلىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى، شۇنداقلا ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلار توپىغا قارىتا، كەچلىك بازار، خاس ئويۇن قويۇش پائالىيىتى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت سەنئەت كوچىسى رايونى بەرپا قىلىپ، مەنزىرە رايونىدا كېچىلىك ئويۇن - تاماشا تۈرلىرىدىن بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولۇش قاتارلىقلارنى يولغا قويدى.

قومۇل مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىدا سانائەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ناھايىتى ئىجادىيلىققا ئىگە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى فۇنكسىيەلىك رايونى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ساياھەتچىلەر بۇ مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىدا كېچىلىك ساياھەت قىلالايدۇ، شۇنىڭدەك قوغۇن يۇرتى يېمەك - ئىچمەك شەھەرچىسىدە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەلەيدۇ. ئالتاي شەھىرى ۋۇبەيلى. ئۆرپ - ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونىدا نۆۋەتتە 50 تىجارەتچى بار، كېچىدە يېمەك - ئىچمەك، خەلق سەنئەتكارلىرى ئويۇن قويۇش، خەتتاتلىق، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار بار.

شىنجاڭ شىمېڭ پۈتۈن رايون ساياھەت - مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن جيەنۋېننىڭ قارىشىچە: كېچىلىك ساياھەت تۈرى ئەنئەنىۋى مەنىدىكى كېچىلىك شەھەر ئىستىراھەت تۈرىگە ئوخشىمايدىكەن، ئۇ ئويۇن قويۇش، ئىستىراھەت، سەيلە - ساياھەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىتقا ئايرىپ ساياھەت قىلىشنىڭ بىر خىل ئەندىزىسى ھېسابلىنىدىكەن، «مۇھىمى ئۇنىڭ بىلەن ھەم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغىلى، ھەم شۇ جايدىكى كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭدىن ساھىبخانمۇ، مېھمانمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئىستىراھەت بوشلۇقى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ».

ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى

«قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى تەسىرات كوچىسىدىكى 93 تىجارەتچى 337 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، ئۇلار ئاشپەز، يېمەك - ئىچمەك ھەم پۇقراۋى قونالغۇ مۇلازىمەتچىسى، ھاراق تەڭشەش ئۇستىسى، قەھۋە ئۇستىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ساياھەت - مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مو خەيبو.

شىنشىڭ شەھىرى تيەنجيې پىيادىلەر كوچىسى تىجارىتىگە مەسئۇل بولغان شىنجاڭ ۋەنچۇاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ لۇڭفېي مۇنداق دېدى: «ھازىر كۈنىگە تەخمىنەن 3000 ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋاتىمىز، كۈندىلىك سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 450 مىڭ يۈەن بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدا ساياھەتچى تەخمىنەن 4500 ئادەم (قېتىم)گە يېتىدۇ، كېچىدە ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچى تەخمىنەن %60نى ئىگىلەيدۇ».

تاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: «كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايون <يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش>نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت - ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى». شيېچېڭ گۇرۇھىنىڭ «2021 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ساياھەت كېچىلىك ئىقتىساد دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، كېچىلىك ساياھەت يەرلىك ھەم ئەتراپتىكى بازارلاردىكى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ئاسان جەلپ قىلىدىكەن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى كېچىلىك ساياھەت زاكازى ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەتراپ ساياھىتى زاكازى %50تىن ئاشقان؛ ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى رەت تەرتىپىدە شاڭخەي، بېيجىڭ، خۇنەن ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان.

شيېچېڭ گۇرۇھى شىئەن شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۈن ۋېيلى مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنىڭ «كۈندۈز» دىن «كېچە» گە يۈزلىنىشى ئومۇميۈزلۈك قاپلاۋاتىدۇ، جەزمەن بارىدىغان جاينى زىچ ساياھەت قىلىش شەكلىدىكى ساياھەتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئازلاپ، بارغانسېرى كۆپ ئىستېمالچى ۋاقىتنى كېچىلىك ساياھەتكە ئاجراتتى، كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايون ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە كىشىلەر توپىنى پۇرسەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن تەمىنلىدى».

چېن جيەنۋېن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايونلار ھازىرقى بايلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆزگىچە IP قىممىتىگە ئىگە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بويىچە كېچىلىك مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرىنى ئېچىپ، يادرولۇق ساياھەت مەھسۇلاتىنى ياراتقاندىلا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولالايدۇ».

تېخىمۇ كۆپ كېچىلىك ئىستېمال ھالىتى كەلگۈسىنى ئۈمىدكە تولدۇردى

ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايونلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، تۈرىنى كۆپەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى ھەم مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى كېچىلىك مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەخسۇس پىلانلىدى.

«چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنى كېچىلىك شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېڭى ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز بار، بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلات ۋە ھەمتۈرتكىلىك بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولۇش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى دىڭ شياۋيا.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى چەكلىك شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چېن دۇڭشۇەي مۇنداق بىلدۈردى: شىركەت كېچىلىك ساياھەتتە مۇنارغا چىقىشتا ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويىدۇ، يەنە مەنزىرە مۇنارى ئەتراپىدا سودىگەرلەرنى ھەقسىز يايما ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ۋۇبەيلى · ئۆرپ - ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ كېلەر يىللىق كەسىپ ھالىتى تېخىمۇ مول بولىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇاشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېچىلىك چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى، كېچىدە ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنىدۇ، «بىز بۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، توردا ئالقىشلىنىدىغان، جەزمەن بارىدىغان مودا جاينى يېڭىدىن كۆپەيتىمىز».

قومۇل مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىدا قىشلىق شادلىق جىلغىسى قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قۇرۇلۇشنى تاماملاش مۆلچەرلەنمەكتە، شۇ چاغدا ساياھەتچىلەر بۇ يەردە مەززىلىك تائاملارنى تېتىپلا قالماي، يەنە كېچىلىك قار - مۇز ساياھەت تۈرىگە قاتنىشالايدۇ. «غەلىتە تاش مەدەنىيەت شەھەرچىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت كوچىسى، بالىلار شادلىق باغچىسى قاتارلىق سورۇنلاردا كېچىلىك ساياھەت پائالىيىتى كېلەر يىلى ئەتىيازدا قانات يايدۇرۇلىدۇ» دېدى قومۇل شەرقىي تىيانشان مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كەسپىي تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ما مىڭلۇ.

«ھەرقايسى كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايونلار ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال توپىغا ئاساسەن، پەرقلىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى، بىر خىللىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى قوزغىتىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ ئادىمىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىغا باي، شەھەر ئاساسىنى نامايان قىلىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» تاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەدەنىيەت ۋە ساياھەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، رايون ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، ئىستېمال سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى، تىپىك ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەش رولىغا ئىگە كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايونلارنى تېخىمۇ كۆپ قۇرۇپ، شەھەر كېچىلىك ئىقتىسادىنى سىجىل چاقنىتىپ، كېچىلىك مەدەنىيەت، كېچىلىك ساياھەت، كېچىلىك تۇرمۇشنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.